تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ

    2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانى 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، تىل-ئەدەبىيات پېنى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى سائەت 12:00-10:00گىچە، سىياسەت پېنى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى سائەت 15:00تىن 17:00گىچە بولىدۇ.

    خىزمەت جەريانى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى _ «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)»نىڭ باش بېتىگە چىقىپ، «ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش» سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارسا بولىدۇ (A4 ئەنلىك ئاق قەغەز ئۆلچىمىدە).

    ​ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى كەڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا بېسىپ چىقىرىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئوبدان ساقلاپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى ئىمتىھان ئورنى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئىمتىھان نۇقتىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە ئەسكەرتتى.

    بارلىق ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار (ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەزمەن تەلەپ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشى كېرەك، كونكرېت تولدۇرۇش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىنى («شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»، ۋىيشىن نومۇرى: xjzs140304) ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يېقىندىن دىققەت قىلغايسىلەر.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.