تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار شامىلى قايدۇ دەرياسىنى يەنە يېشىللىققا پۈركىدى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچقۇرۇن، باغراش ناھىيەسىدە كەچكى شەپەق پارلاپ، قايدۇ دەرياسى سۈيى ئاسمان بىلەن بىر رەڭگە كىردى.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) چىڭمىڭ مەزگىلىدە، باھار شامىلى قايدۇ دەرياسىنى يەنە يېشىلىققا پۈركىدى، باغراش ناھىيەسىدە باھار مەنزىرىسى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

4-ئاينىڭ 4-كۈنى، باغراش ناھىيەسىدە ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى دەل-دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىدى.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

   ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، شاخلارغا لىق تولدى. باغچىدىكى ھەر بىر دەرەختە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى باغچىدا باھار مەنزىرىسى ھاسىل قىلىپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى؛ پىيادىلەر يولى بويىدىكى شاخلاردا چېچەكلەر ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ يېڭىدە خۇشپۇراقلارنى قالدۇردى.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچقۇرۇن، قايدۇ دەرياسى بويىدىكى دەل-دەرەخلەر بىخ چىقارغانىدى.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

   ئوت-چۆپلەر يېڭى بىخ چىقىرىپ، ئاقۇچ سېرىق، يېشىل رەڭگە كىردى. بىر نەچچە قېتىملىق يېڭى يامغۇردىن كېيىن، يېشىللىق بەلبېغىدا ئاستا-ئاستا بىخلىنىپ، دەريا قىرغىقى يېشىللىققا پۈركىنىپ، كىشىلەرگە يېڭىچە كۆرۈش تۇيغۇسى بېغىشلىدى.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، قايدۇ دەرياسى لۇڭمېن كۆۋرۈكى بىلەن سۇ يۈزىدىكى سايىسى خۇددى بىر جۈپ چوڭ «كۆز»گە ئوخشاپ قالدى.

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

    ئەگىز سۈيى شىرىلداپ ئاقتى. ئوتتۇرا تىيانشاندىن باشلانغان قايدۇ دەرياسى تاغدىن ئېتىلىپ چىقىپ، بايىنبۇلاق يايلىقىدىن، ئاققۇ كۆلى «توققۇز توقاي، 18 ئەگمە»دىن ئېقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى باغراش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئۇ كۆنچى دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مەنبە ئېقىننى ھاسىل قىلغان بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك جىددىي سۇ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئىزچىل ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا قايدۇ دەرياسى جەنۇبىي شىنجاڭ بوستانلىقىنىڭ ئېكولوگىيە مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم ھاياتلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچقۇرۇن، قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى تىنچ ئېقىۋاتاتتى، دەل-دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىدى(ئۈستۈنكى سۈرەت). 20 نەچچە كۈن ئىلگىرى، قىرغاقتا يەنە قالدۇق مۇز پارچىلىرى بار ئىدى (ئاستىنقى سۈرەت).

ۋاڭ لۇبىن فوتوسى

    باھار كۈنلىرى خۇددى سېھىرگەرگە ئوخشايدۇ، 20 نەچچە كۈن ئىلگىرى قىرغاقتا مۇز پارچىلىرى بار ئىدى. ھازىر «غەربكە ساياھەت» ناملىق روماندا تەسۋىرلەنگەن «تۇڭتيەنخې دەرياسى»دەك دولقۇنلىماقتا. شەپەق نۇرىدا، سۇ بىلەن ئاسمان بىر خىل رەڭگە كىرىپ، قىرغاقتىكى شاخلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، مەنزىرىسى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەكتە.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچقۇرۇن، نۇرلۇق شەپەق قايدۇ دەرياسىنىڭ سۇ يۈزىدە ئەكس ئەتتى، قىرغاق يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.
ۋاڭ لۇبىن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.