تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» دېگەن نېمە؟ بۇرۇن ياللۇغىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالامدۇ؟

  ھەر يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە باھار كېلىپ چېچەكلەر ئېچىلىدۇ، بۇ چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان پەسىل بولۇپلا قالماي، گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر ئاغرىقلار ئەڭ ئازابلىنىدىغان پەسىل. يېقىندا نۇرغۇن تورداشلار ئۆزىنىڭ ئاغرىق بۆلۈمىدە «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» ئۇرغۇزغانلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە كۆپ يىللىق بۇرۇن ياللۇغىغا ئاخىرى داۋا تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» بۇرۇن ياللۇغىنى راستىنلا ساقايتالامدۇ؟ قېنى بىللە چۈشىنىپ باقايلى.

  «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» دېگەن نېمە؟

  تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بويۇن سىمپاتىك نېرۋىسىنى توسۇش دەپ ئاتىلىدىكەن.

  ئۇنىڭ پىرىنسىپى سىمپاتىك نېرۋىنى توسۇپ، ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك توسۇش رولىنى پەيدا قىلىپ، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ تېمپېراتۇرا، گۈل چېڭى قاتارلىق غىدىقلىغۇچى مەنبەلەرگە بولغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكى كەلتۈرۈپ چىقارغان چۈشكۈرۈش، ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، سىمپاتىك نېرۋا بىلەن پاراسىمپاتىك نېرۋىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن بىر تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

  «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» بۇرۇن ياللۇغىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالامدۇ؟

  مۇخبىر بېيجىڭ داشۆسى 1-دوختۇرخانىسىغا كەلگەندە، ئاغرىق بۆلۈمىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» ئۇرغۇزۇشنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «ئون نەچچە يىلدىن بۇيان زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئازابىنى كۆپ تارتتىم، ھەر يىلى بەك بىئارام بولىمەن، ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ كۆرۈپ باقاي دەيمەن».

  «تۆتىنچى قېتىم ئۇرغۇزۇشۇم، ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەندىكى چۈشكۈرۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ۋە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك پەسەيدى».

  بېيجىڭ داشۆسى 1-دوختۇرخانىسى ناركوز بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لىن زېڭماۋ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىش جەريانى بولۇپ، دورا ئىچىش، بۇرۇنغا دورا پۈركۈش ئۈنۈمى بىلەن ئوخشاش، ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇن ياللۇغى يەنە قايتا قوزغىلىدۇ، نۆۋەتتە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىدىغان ئالاھىدە ياخشى ئۇسۇل يوق.

 «نېرۋىنى توسۇش ئۇسۇلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولىدۇ، بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولۇشى مۇمكىن، بىر قېتىم ئۇرغۇزغاندا زىيادە سەزگۈر پەسلىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، كىشى نىسبەتەن راھەترەك ھېسسىياتتا بولىدۇ».

  قانداق كىشىلەر توپىغا بۇ ئوكۇلنى ئۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؟

  تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشقا توغرا كەلسە، يەنىلا ئاغرىقلارغا قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى ياكى ئاللېرگىيەلىك رېئاكسىيە بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش تەكلىپى بېرىلىدىكەن، «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» ئۇرغان تەقدىردىمۇ، بىر ئوكۇل ئارقىلىق كېسەلدىن بىر ئۆمۈر قۇتۇلۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدىكەن.

  لىن زېڭماۋ مۇنداق دېدى: يۈرەك كېسىلى ياكى مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش ئاغرىقلىرىغا بۇ ئوكۇلنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، كىچىك بالىلارغىمۇ «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» ئۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  تېببىي خادىملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «بۇرۇن ياللۇغى ئوكۇلى» بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك ئىكەن، بۇ، داۋالاش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىكەن. ئادەتتە يەنە كۈندىلىك مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، ماسكا تاقاش، بۇرۇن بوشلۇقىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.