3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەنجى ناھىيەسى 11-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ناھىيە بويىچە تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت بەش گۇرۇپپىدىكى 12 ۋەكىللەر كوماندىسى يېشىل مەيدانغا جەم بولدى، 480دىن ئارتۇق كىچىك ماھىر مونچاقتەك تەر تۆكۈپ، كەسكىن ئېلىشىش جەريانىدا ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان تەنتەربىيە روھىنى يېتىلدۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ناھىيەسى تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەنتەربىيە بىلەن ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: يەنجى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى