تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

باش تېرىم چاي ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇش

 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى شۈەنئېن ناھىيەسى جياۋيۈەن بازىرى خۇاڭپىڭ كەنتىدىكى دېھقانلار چايزارلىقتا باش تېرىم چاي ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۇڭ ۋېن فوتوسى)

  چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار باش تېرىم چاي ئۈزۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، چايچى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، چاي ئۈزۈپ، چاي ياساپ بازارنى تەمىنلىدى. 

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، چايچى دېھقانلار گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەنجەي ناھىيەسى شىڭرېن بازىرى پەيزو كەنتىدە باش تېرىم چاي ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ شېڭشيەن فوتوسى)   

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، چايچى دېھقانلار گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سېنگۇڭ ناھىيەسى تيەنما بازىرى مياۋلو كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقتا باش تېرىم چاي ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لو خۇي فوتوسى) 

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، چايچى دېھقانلار جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى دۇچاڭ ناھىيەسى تۇتاڭ بازىرى شياۋگاڭ كەنتىدىكى ئاق چاي بازىسىدا چاي ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (فۇ جيەنبىن فوتوسى) 

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋۇيى ناھىيەسى خۇشەن كوچا باشقارمىسىدا چايچى دېھقانلار چاي ئۈزۈش ماشىنىسى بىلەن چايزارلىقتا باھار چېيى ئۈزمەكتە. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جاڭ جيەنچېڭ فوتوسى)     

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاي ئۈزۈش ئىشچىلىرى خاڭجوۋ شىخۇ رايونى لۇڭجىڭ كەنتىدىكى چايزارلىقتا لۇڭجىڭ چېيى ئۈزمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لوڭ ۋېي فوتوسى)

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.