يېقىندا، شىخو شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسى باخەي كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، مايسا يېتىشتۈرۈش تاختىسىدىكى چەيزە، شوخلا، چىڭسەي، ئوسۇڭ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ مايسىلىرى ياپيېشىل، بولۇق ئۆستى. باشىسىخۇ يېزىسىدا ھازىر تۈرلۈك مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىن 266سى بار بولۇپ، يىللىق مايسا يېتىشتۈرۈش مىقدارى 150 مىليون تۈپكە يېتىدۇ. بۇ يىل، بۇ يېزا قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنى كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا «زور كۈچ سەرپ قىلىپ»، پارنىكتىن پايدىلىنىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: جيا رۇڭشيا، شەن يۈشيا)
باخەي كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىدە ئىسسىتىپ تېمپېراتۇرىنى تولۇقلىسا، بەزىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، كۆكتات مايسىلىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتى ۋە ئۆسۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى