تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

4 - ئايدا چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلدى! شىنجاڭ ئالمىسىنىڭ دەسلەپكى چېچەكلەش مەزگىلىدىن ئالدىن مەلۇمات كەلدى! بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى

 ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

  ئەتراپ باھار نۇرىغا چۆمۈپ، چېچەك ئېچىلىش مەزگىلى كەلدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ شىڭنۇڭ تورى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئالما چىقىدىغان رايونلاردا ئالمىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى توغرىسىدىكى ئالدىن مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2024-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئالمىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر بولىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدا ئادەتتىكى يىللاردىكىگە يېقىنلىشىدىكەن ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئالمىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى 4-ئاينىڭ بېشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 4-ئاينىڭ بېشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بولىدىكەن. 

ھەر يىلى چېچەكلەر ئوخشاشلا گۈزەل

 بۇ يىل قەيەرگە بېرىپ ئالما چېچىكى كۆرىمىز؟

ئالدى بىلەن ياۋا ئالما چېچىكىنى كۆرۈپ باقايلى↓ 

بۇلتۇر 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 100 مىڭ مو ياۋا ئالمىلىقتا ئالما چېچەكلىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى (ماتېرىيال سۈرەت).

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ فوتوسى

بۇلتۇر 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 100 مىڭ مو ياۋا ئالمىلىق (ماتېرىيال سۈرەت).

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ فوتوسى

بۇلتۇر 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 100 مىڭ مو ياۋا ئالمىلىق رايونىنىڭ يول بويىدىكى ھۈپپىدە چېچكلىگەن بىر تۈپ ئالما دەرىخى. (ماتېرىيال سۈرەت).

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ فوتوسى

  ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 100 مىڭ مو ياۋا ئالمىلىقتا ئالمىلار بەس-بەستە چېچەكلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تىيانشان ياۋا مېۋە ئورمانلىقىنىڭ چېكىنىپ كەتكەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ساغلاملىقنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى» قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «ئاسىيانىڭ ياۋا مېۋە ماكانى» بولغان بۇ يەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا ئالمىلىق (ماتېرىيال سۈرەت).

كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا ئالمىلىق (ماتېرىيال سۈرەت). 

  ياۋا ئالما چېچىكى تىلغا ئېلىنسا، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىنى چوقۇم بىر بېرىپ ئايلىنىپ كەلمەي بولمايدۇ، بۇ يەردە 10 مىڭ مو ياۋا ئالما چېچەكزارلىقى بار، چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغاندا ھاسىل بولغان ساپ، رومانتىك ئاق رەڭنى بىر كۆرۈپلا ئۇنتۇيالمايسىز↑. 

ئالما چېچىكى تىلغا ئېلىنسا

ئەلۋەتتە ئاقسۇ كەم بولسا بولمايدۇ

ئالما دەرىخى بىر قىشنى تولۇق بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ

 باھار شامىلىدا ئويغىنىدۇ

 ئاق رەڭ ئىچىدىن ھالرەڭ گەۋدىلىنىپ، ھالرەڭ چېچەكلەر نازۇك قامىتىنى نامايان قىلىدۇ

  ئالما چېچىكىنىڭ ئېچىلىشىنى جىمجىت كۈتۈپ 

  ھۆپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەر بىلەن باھارنى ئېلىپ قېلىپ

  باھار مەنزىرىسى بىلەن بىللە ساياھەت قىلايلى

بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.