تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش باشلاندى!

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن خەۋەر قىلىدۇ) 2024-يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش باشلاندى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 5-ئاينىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىغىچە، داشۆ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «غەربىي رايون پىدائىيلار توپى» ياكى غەربىي رايون پىلانى ھۆكۈمەت تور بېكىتى http://xibu.youth.cnگە چىقىپ، غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسىدا تىزىملاتسا بولىدۇ.

    3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2024-يىلى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى يەتتە تۈردىن سەككىز تۈرگە كۆپەيگەن بولۇپ، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەخسۇس تۈرى يېڭىدىن كۆپەيگەن، ئاساسلىقى چېگرا رايونلاردىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە پىدائىيلار تاللاپ ئەۋەتىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسى، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، يېزا-كەنت مائارىپى، داۋالاش-سەھىيە، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشقا كۈچ قوشىدىكەن.

    داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانى ئاشكارا قوبۇل قىلىش، ئىختىيارىي تىزىملىتىش، تەشكىل تاللاش، مەركەزلىك ئەۋەتىش ئۇسۇلى بويىچە، غەربىي رايون پىلانى مەملىكەتلىك تۈرى پىدائىيلىرىنى غەربىي رايوندىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا قوبۇل قىلىدۇ ۋە تاللاپ ئەۋەتىدۇ. پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولۇپ، بۇ يىللىق مۇلازىمەت مەزمۇنى يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى قاتارلىق سەككىز مەخسۇس تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    شىنجاڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللكتىپى تۈرىنى يولغا قويغان، 2003-يىلىدىن باشلاپ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانى تۈرىنى يولغا قويغان. تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىدىن 44 مىڭدىن كۆپرەك كىشى شىنجاڭغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، مائارىپ-سەھىيە، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا «ياشلار كۈچى»نى قوشتى.

  تىزىملىتىش مەسلىھەت سوراش ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

  شىنجاڭ تۈر ئىشخانىسى 2817084-0991 ، 2817090-0991

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تۈر ئىشخانىسى 2890582-0991

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.