تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، شىنجاڭ يىپەك يولى بۈركۈتى پۇتبول كۇلۇبى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 3- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە، 2024- يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا جەمئىيەتلەرنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى دېيىلىدۇ)نىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭسەندىكى چيۇڭدىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاياغلاشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى بۈركۈتى پۇتبول كۇلۇبى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق 5كە قارشى 6 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى U19 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى، شىنجاڭ ئالتۇن قالقان تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى 3-، 4-لىككە ئېرىشتى.

شىنجاڭ يىپەك يولى بۈركۈتى پۇتبول كۇلۇبى چېمپىيون بولغاندىن كېيىن توپ مەستانىلىرى بىلەن بىرلىكتە غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.

سۈرەتنى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەمىنلىگەن

     جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى 4- دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر يىلى يېڭى كەسپىي كۇلۇبلار جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن بارلىققا كېلىدۇ. جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ؛ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچى ئەزا جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يەرلىك ئەزا جەمئىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىدۇ؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى چوڭ رايون مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆلۈنىدۇ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ، يەرلىك ئەزا جەمئىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    بۇ قېتىمقى جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە جەمئىي سەككىز كوماندا قاتناشتى. ئۇدا بەش كۈن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، ئالدىنقى تۆت كوماندا 2024- يىللىق جۇڭگو چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ئەگەر بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرەلىسە، 2025- يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.