ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) 3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى شىنجاڭ داشۆ (خۇڭخۇ مەكتەپ رايونى) تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر پائالىيەتنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىش ئورنى تەلىپىدىن مەسلىھەت سورىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي فوتوسى
بۇ قېتىمقى پائالىيەت «كەسىپ تەرەققىياتى شىنجاڭدا ياشلىق باھارى سەپىرى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، تۈجۈپىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلدى.
پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى، جۇڭگو بىناكارلىقى شىنجاڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى 5- بىناكارلىق- قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 123 كارخانا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 3320دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئىش ئورنى ئىقتىساد، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 4000دىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەت ئىزدەشكە جەلپ قىلدى.
پائالىيەتتە توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ھەم بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، توردا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك سېلىندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا 2890 ئادەم قېتىم قاتناشقان، توردا ۋە تور سىرتىدا ئەۋەتىلگەن قىسقىچە تەرجىمىھال 3985 پارچىگە يەتكەن. پائالىيەت 6- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.