تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۆپ تارماق بىرلىشىپ مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

  سېتىۋالغان يېمەكلىك خام ئەشياسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەش، پاكىزلاش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قالدۇرۇلغان ئەۋرىشكىنى ساقلاش قاچىسى ۋە سوغۇق ساقلاش ئەسلىھەسى سەپلەش... يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرىدىغان 94 ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى (مەسئۇلى) «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى «بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك» مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، ئىستېمالچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەردى.

  مۇخبىرنىڭ 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى، گۇڭئەن ئىدارىسى، سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماق ئاچقان مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە مەمۇرىي يېتەكچىلىك قىلىش يىغىنىنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئەتىيازلىق مەكتەپلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «مەكتەپلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ تەلىپى بويىچە مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى (مەسئۇلى)نى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ سۇڭيۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ۋە مەسئۇللىرىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىپ، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال بىرلىشىپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئۈزۈلدۈرمەي تەكشۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بايقالغان مەسىلىلەر ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ھەرقايسى كارخانىلار دەرھال تۈزىتىشى كېرەك، تۈزىتىشنى رەت قىلغان ياكى تۈزىتىشى جايىدا بولمىغانلار قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېمەكلىك، دورا، مۇھىت شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: گۇڭئەن تارمىقى بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقىغا پائال ماسلىشىپ، مەكتەپ ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تاماق بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شۈەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.