ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2024-يىللىق «شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەك بۇيۇملىرىنى ئەقلى ئىقتىدارلىق، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بايرىمى» پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. بىر تۈركۈم يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى باشلىنىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىندى، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2024-يىللىق «شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەك بۇيۇملىرىنى ئەقلى ئىقتىدارلىق، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بايرىمى» ئۈرۈمچىدە باشلاندى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو فوتوسى
بۇ قېتىمقى پائالىيەت «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى»دىكى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يېتەكچىلىك قىلدى، خەيئېر جىجيا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ ۋوجيا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بولۇپمۇ ئالاقىدار ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى ۋە ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ، ئىستېمالچىلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى». خەيئېر جىجيا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى گاۋ شيۇپېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزگىلىدە، شىركەت 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۆلچەرلىدى. خېرىدارلار بەلگىلەنگەن تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا %13 ياردەم تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
«پائالىيەت مەزگىلىدە، بىز 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز»، شىنجاڭ ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسا، دۇكاندا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەنلىك كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلگىرىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كونا سايماننى ھېچكىم چۇۋۇماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شىركەت مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئىستېمالچىلارنىڭ «يەتكۈزۈش، چۇۋۇش، قۇراشتۇرۇش، توشۇش» جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گۇڭ لىمېي بۇ خىل ئىستېمالدا ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى ئىنتايىن ئېتىراپ قىلدى. «يېقىندا ئۆينى بىزەۋاتىمەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە بېزەك بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى، ئىستېمال تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى چۈشىنىپ باقماقچى ئىدىم، ئۇنىۋېرسال ئېتىبار بېرىش سالمىقى ياخشى بوپتۇ».
«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ھەم ھازىرغا ھەم كەلگۈسىگە پايدىلىق، ھەم كارخانىغا ھەم خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق، ھەم ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى دىققەتنى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، پائالىيەت تەشكىللەش، يىغىۋېلىش ئايلانما ھالقىسىدىن كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ كونا داڭلىق ماركىلىرىنى زورايتىش، ئاقىل سودا چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ قوللاش ۋە تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىق، مەنزىرە، ۋاسىتە قاتارلىق جەھەتلەردە بىرىكتۈرۈپ كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە ئېتىبار باھانى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى