تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان 12 خاتا قاراش (2)

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    بەشىنچى خاتا قاراش

    قان بېسىمى يۇقىرى بولسا تېز سۈرئەتتە نورمال ھالەتكە چۈشۈرۈش كېرەك.

   ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قان بېسىمى ئاستا- ئاستا ئۆرلەيدۇ، شۇڭا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش جەريانىمۇ سىلىق بولۇشى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى جىددىي كېسەللىكىدىن باشقا، مېڭىگە قان قۇيۇلۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قان بېسىمىنى تېز سۈرئەتتە زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ پىرىنسىپى ئاستا، سىلىق، ئۇزاققىچە ۋە مۇۋاپىق بولۇشتىن ئىبارەت.

   ئالتىنچى خاتا قاراش

    بىر قېتىملىق قان بېسىمى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمىغا ھۆكۈم قىلىش.

    نۇرغۇن كىشى دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ يۇقىرىلاپ قالغانلىقىنى بىلىپلا، ئۆزىنى يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن دەپ قارايدۇ، ئۆيگە قايتىپ ئۆزى ئۆلچىگەندە ئەكسىچە نورمال بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ «ئاق خالات يۇقىرى قان بېسىمى» بولۇپ، دوختۇرنى كۆرگەندە جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغان- بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئامبۇلاتورىيەدە ياكى ئۆيدە ئاندا- ساندا بىر- ئىككى قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ، توغرا ئۇسۇل شۇكى، بىر كۈندە بولمىغان ئۈچ قېتىملىق قان بېسىمىنىڭ قىممىتىنى ئۇدا ئۆلچەش، ئەگەر بىردەك mmHg 90/140تىن يۇقىرى بولسا، ئاندىن يۇقىرى قان بېسىمى دەپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئائىلىدە قان بېسىمىنى ئۆزى ئۆلچەشنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، لېكىن قان بېسىمىنى ئۆزى ئۆلچەشمۇ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەكسىچە، قان بېسىمى ئاسانلا تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ.

    يەتتىنچى خاتا قاراش

    كۆپ قېتىم دورا ئالماشتۇرۇش.

   مۇۋاپىق كېلىدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى بىر گۇرۇپپا دورىنى تاللاش ئاسان ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتىش ۋە دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ. پەقەت قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاپ، داۋالغۇپ تۇرمىسىلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، روشەن ناچار تەسىرى بولمىسىلا، داۋاملىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

    سەككىزىنچى خاتا قاراش

    باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىگە ئەگىشىپ خالىغانچە دورا ئىشلىتىش.

   يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ، كىلىنىكىدا نۇرغۇن تىپقا بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ئاساسىي كېسىلى ئوخشاش بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ، شامالغا ئەگىشىپ دورا يېگەندە ئاسانلا دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇنتىزىم داۋالىنىشى، رېتسېپقا ئاساسەن دورا ئىشلىتىشى كېرەك.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.