تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان يىگىت شىنجاڭغا قايتىپ ساياھەتچىلىكتە بەسلەشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي

باھار كېلىپ، بارلىق شەيئى ھاياتىي كۈچكە تولدى، شىنجاڭ پات ئارىدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ.

شىنجاڭدا قانداق ئويناش كېرەك؟ قاراجون ئوتلىقىدا سەكرەپ ـ تاقلاپ، كەچكى شەپەقتىن ھۇزۇرلىنىش؛ قۇملۇقتا ھاياجانلىق ئىلكىدە دالا كېزىش، تاغ جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتۈش... بۇ خۇشاللىققا تولغان، ئەركىن، ئازادە، ھاياتىي كۈچكە باي كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى تەن جيەنخۇڭنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە نامايان بولدى.

2023 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان يىگىت تەن جيەنخۇڭ بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، بۇ جايدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى نوپۇزلۇق يېتەكچى يىن يۈچېڭ بىلەن «شياۋبالاڭ» ساياھەت كوللېكتىپىنى قۇرۇپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكتە بەسلىشىشنى باشلىدى، ئۆزگىچە ئويناش ئۇسۇلىنى سىنغا ئېلىپ توردا تارقىتىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

قىسقىغىنا بىر يىلدا، «شياۋبالاڭ» 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە يۈز يېتەكچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە كوللېكتىپ يېتەكچىسى ئىككى نەپەردىن كۆپىيىپ 22 نەپەرگە يەتتى. ياشلارنىڭ قايتىپ كېلىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

شىنجاڭغا قايتىش

دەقىقىمۇ كېچىكتۈرمەسلىك

بىر قېتىملىق تېلېفوندا قىسقىغىنا ئون نەچچە مىنۇتلۇق سۆزلىشىش تەن جيەنخۇڭنىڭ قەلبىدە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى: «مەن ئىستېپا بېرىپ، شىنجاڭغا قايتىمەن، دەقىقىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ!»

ۋاقىتنى 2023 ـ يىلىدىكى باش باھارغا قايتۇرايلى − تەن جيەنخۇڭنىڭ ئىرادە باغلاپ ئىستېپا بېرىشىگە يەنە ئىككى ئاي قالغان چاغ ئىدى.

12 يىل باشقا يۇرتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، تەن جيەنخۇڭ نۇرغۇن يېقىن دوست تۇتتى. ھەر قېتىم دوستلىرى ئۇنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىنىدە، ھەمىشە كۆزلىرى ھەۋەس ۋە تەلپۈنۈشكە تولاتتى، «ئىلى، ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى گۈزەل ماكان ئىكەن، مەن پەقەت توردىلا سۈرەتلىرىنى كۆرگەن، بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.» ھالبۇكى، تەن جيەنخۇڭنىڭ نەزەرىدە ئىلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تولا كۆرۈپ ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

بىر قېتىم دوستلىرى بىلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا، يول بويى مەنزىرە سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، دوستلىرى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى، پەقەت تەن جيەنخۇڭلا ھاياجانلىنىپ كەتمىدى. «شىنجاڭدىكى ھەربىر مەنزىرە بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.» تەن جيەنخۇڭ پەخىرلەنگەن ھالدا جاۋاب قايتۇردى ھەم شۇنچە كۆپ ياش شىنجاڭغا قىزىقىدىكەن، ئۆزۈممۇ ھەم شەھەر ياشلىرىنىڭ قىزىقىشىنى چۈشىنىمەن، نېمىشقا شىنجاڭغا قايتىپ ساياھەت يېتەكچىسى بولمايمەن؟ دەپ ئويلىدى.

كۆپ يىللىق ئالاقە تورى كەسپى تەجرىبىسىگە ئىگە تەن جيەنخۇڭ ئالدى بىلەن بىر قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ نۇرغۇن سىن ماتېرىيالىنى كۆرۈپ، كۆپ قىسىم مەزمۇننىڭ مەنزىرە، ئادىمىيەت تارىخىنى تونۇشتۇرۇش ياكى ئاددىيلا ھالدا مەنزىرە نۇقتىلىرىنى داكا قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەن جيەنخۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ساياھەت شەكلى ئەركىنلىككە ۋە ئازادىلىككە ئىنتىلىدىغان ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلاتتى.

ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن، تەن جيەنخۇڭ بىر تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ئوخشاش بولمىغان شەھەردىكى 100 دوستىغا ئەۋەتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، سوئال قەغىزىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يىغىۋالدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، %90تىن كۆپرەك كىشى شىنجاڭغا تەلپۈنىدىكەن، ئۇلار ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا مايىل ئىكەن ھەم ساياھەت تەسىراتىغا نىسبەتەن بىرقەدەر يۇقىرى تەلەپ قويىدىكەن. بۇ نەتىجە تەن جيەنخۇڭنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

شۇنىڭ بىلەن، باشتىكى ھېلىقى تېلېفوندا سۆزلىشىش كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلدى.

«ئاكا، مەن ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىناي دەيمەن، سىزدىن ئازراق تەجرىبە ئۆگەنگۈم بار.» تەن جيەنخۇڭ يىن يۈچېڭغا تېلېفون قىلدى. «بولىدۇ، ھازىر شىنجاڭدا ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ھەقىقەتەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يېتەكچىلەر ئارىسىدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ سىزگە ئوخشاش ئىزدىنىدىغان ياشلار كەمچىل.» يىن يۈچېڭنىڭ سۆزلىرى ئۈمىدكە تولغانىدى.

يىن يۈچېڭ توققۇز يىللىق ساياھەت يېتەكچىسى تەجرىبىسىگە ئىگە نوپۇزلۇق كىشى، مەيلى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈش بولسۇن ياكى لوپنۇر ھەققىدە ئىزدىنىش بولسۇن، ئۇ يولنى پىششىق بىلىدۇ.

بىر ھەپتىدىن كېيىن، تەن جيەنخۇڭ قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئارزۇ ـ ئىستەكلەرگە تولغان ھالدا شىنجاڭغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

ئۇدۇللىشىش

ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش

يىن يۈچېڭغا ئەگىشىپ بىر ئاي لىنىيە ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەن جيەنخۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن تۇنجى قارارلىق ساياھەت ئۆمىكىنى باشلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ نىشانلىق خېرىدارى ئاۋات شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقان، ئەمما قەلبى ئارزۇدىكىدەك جايلارغا تەلپۈنىدىغان ياشلار ئىدى.

2023 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، تەن جيەنخۇڭ يېتەكچىلىك قىلغان ئىلى چوڭ ئايلانما لىنىيەسى ساياھىتى باشلاندى. يول بويى، خۇشال كۈلكە سادالىرى بىلەن گۈزەل مەنزىرە گىرەلىشىپ كەتتى، لېكىن ئىنچىكە ھالقىلارنى ئەتراپلىق ئويلاشمىغانلىقتىن بەزى سۈركىلىشلەرمۇ كېلىپ چىقتى. تەن جيەنخۇڭ يېتەكچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يەنىلا «مۇلازىمەت ئېڭى بار، لېكىن تولۇق مۇلازىمەت قىلالماسلىق» قاتلىمىدا توختاپ قالغانلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەر كۈنى سەپەر ئاخىرلاشقاندا، مەيلى قانچىلىك كەچ بولسۇن، ئۇ يىن يۈچېڭ بىلەن يىغىن ئېچىپ سەپەرنى خۇلاسىلەپ، ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئەتىسى ۋاقتىدا تۈزەتتى.

سەپەرنىڭ ئاخىرقى كۈنى، سەپەردىكى توققۇز كىشى ئىككى دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، موڭغۇلكۈرەنىڭ يۈخۇ كۆلى بويىدىكى كىشىلەر ئانچە بىلمەيدىغان بىر تار يول بىلەن ماڭدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 كىلومېتىر بولۇپ، يىن يۈچېڭ ئالدىدا يول باشلىدى، تەن جيەنخۇڭ ئەگىشىپ ماڭدى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي، تەن جيەنخۇڭ نىشاندىن ئادىشىپ قالدى. سىگنال بولمىغاچقا، ئىككىيلەننىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. يىن يۈچېڭ ئامالسىز ساياھەتچىلەرنى باشلاپ ئاۋۋال چىقىش ئېغىزىغا بېرىپ ساقلىدى. بەك ئۇزاق تۇيۇلغان بۇ ئۈچ سائەتتە يىن يۈچېڭ تولىمۇ تىت ـ تىت بولدى.

ئاخىرى تەن جيەنخۇڭ يېتىپ كەلدى، يىن يۈچېڭ شۇ زامات قايناپ كەتتى: «تۈپتۈز يولدىمۇ ئېزىپ قالغان بارمۇ؟ ئىچىدە سازلىق بار، نېمىدېگەن خەتەرلىك، بۇنى بىلەمسىز؟ ئەگەر شاگىرتىم بولغان بولسىڭىز، مەن بۇرۇنلا سىزنى ئەدەپلەپ قويغان بولاتتىم!» تەن جيەنخۇڭ ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدى، ئۇ ئېزىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى يىن يۈچېڭنىڭ ئاپتوموبىلنى بەك تېز ھەيدەپ ئۆزى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدىن كۆرگەنىدى.

ئىككىيلەن 20 مىنۇتقا يېقىن تىركەشتى. ساياھەتچىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن نەسىھەت قىلدى، تەن جيەنخۇڭ زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يىن يۈچېڭنى يېنىغا تارتىپ: «ئاكا، بۇنداق قىلمايلى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى» دېدى.

ئىشتىن كېيىن، ئىككىيلەن ئولتۇرۇپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، قانداق قىلغاندا ماسلىشىشچانلىقنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۇلارنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. يىن يۈچېڭنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا توققۇز يىل بولغان بولۇپ، ئەزەلدىن ئەرز قىلىنىپ باقمىغانىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئويلىمىغان يەردىن تەن جيەنخۇڭنىڭ خېرىدارى ئەرز قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمەك باشلاپ مېڭىش جەريانىدا، ئىككىيلەن بىر تەرەپتىن ماسلىشىپ، بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىدى، ئىلگىرىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر ئەمەس، تارتىنچاق تەن جيەنخۇڭ ئۆزگىرىپ كۆپ سۆزلەيدىغان، ئۈنلۈك سۆزلەيدىغان بولدى. ئاچچىقى يامان يىن يۈچېڭمۇ مۇلايىم بولۇشقا باشلىدى.

كوللېكتىپنىڭ زىچ ماسلىشىشىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى. بىر قېتىم، بىر ساياھەتچى ئات مىنىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كەتتى، تەن جيەنخۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى تېزدىن سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئالاقىلەشتى، چارۋىچىلارنىڭ موتوسىكلىتىنى ئارىيەت ئېلىپ، ساياھەتچىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزدى. سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن تارتىپ ساياھەتچى كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆمەككە قايتقۇچە پەقەت بەش مىنۇتلا ۋاقىت كەتتى. نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كوللېكتىپنىڭ زىچ ماسلاشقانلىقى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزغانلىقىنى بەس ـ بەستە ئالقىشلىدى.

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

ئورتاق تەرەققىي قىلىش

ئوي ـ پىكىر ھەرىكەتكە ئايلاندى، «شياۋبالاڭ» تەدرىجىي مەزمۇت پۇت تىرەپ، ياشلارنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلدى.

3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، يەنە بىر يىگىت «شياۋبالاڭ» كوللېكتىپىغا كىرىپ يېتەكچى بولۇش ئۈچۈن، ئالايىتەن باشقا جايدىن شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

«مەن بېيجىڭدا ئۆمەك باشلاپ ساياھەت يېتەكچىسى بولغان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان، قىسقا سىن ئىشلىيەلەيمەن، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىمدە كېتىشنى ئويلاشمىدىم...» لياۋنىڭدىن كەلگەن بۇ يۈزتۇرا ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

«كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقاندا قىممەت قارىشىمىزنىڭ بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، <شياۋبالاڭ> شىنجاڭدا ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلىشنى پىلانلىغان، چوقۇم مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، كىشىلەرنىڭ باھاسى 1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، كوللېكتىپنىڭ كۈتىدىغىنى ھەربىر يېتەكچى بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش» تەن جيەنخۇڭ ئاساسىي تېمىغا كۆچتى.

ئىگىلىك تىكلىگەن بىر يىلدىن بۇيان، «شياۋبالاڭ» نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇۋالدى. تەن جيەنخۇڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى 100دىن ئارتۇق قىسقىچە تەرجىمىھال ئىچىدىن مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان 20 ياشنى تاللاپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدا ئىشلەپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن 3 ـ ئەۋلاد شىنجاڭلىقمۇ، يەنە جېجياڭدىن كەلگەن 95 ـ يىللاردا تۇغۇلغان ئىككى ئاكا ـ ئۇكا بار. گەرچە ئارقا كۆرۈنۈشى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى قەلبىگە پۈككەن.

مۇشۇنداق ياش، ھاياتىي كۈچكە ئىگە كوللېكتىپنىڭ نىشانى شىنجاڭ سەرخىل كىچىك ئۆمەك ساياھەتچىلىكىنىڭ «يۇقىرى پەللىسى»گە چىقىش. «ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆز كوللېكتىپىمىزدا بەسلىشىشتىن باشلاپ، ئاندىن كەسىپ بويىچە بەسلىشىشكە تۈرتكە بولىمىز، بىرلىكتە مۇلازىمەتنى ياخشى قىلساقلا، ئاندىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ساياھەتچىلەر كېلىشنى ئويلايدىغان، كېلىپ باققان ساياھەتچىلەر يەنە كېلىدىغان بولىدۇ» دېدى تەن جيەنخۇڭ.

«شياۋبالاڭ»نىڭ ئۆلچەملەشكەن خىزمەت تەرتىپى يەنىلا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتىدۇ، نۆۋەتتە، ئالاقە تورىدا ئۇنىڭ ئۆز تاراتقۇ نومۇرى سېپى قۇرۇلدى، شۇنداقلا باھا جەدۋىلى ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

ئۆمەك ساياھىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر خېرىدارلار تەسىرات سوئال قەغىزى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈك ـ تاقنى كۆتۈردىمۇ ـ يوق؟ ئاپتوموبىلدا تاماكا چەكتىمۇ ـ يوق؟ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى سۆزلىدىمۇ ـ يوق قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ يېتەكچىگە نومۇر قويىدۇ. كوللېكتىپ مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى ئېنىق ئايرىش تۈزۈمى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى قوغدىدى.

خاس يېتەكچىلەر ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئىجرا قىلغاچقا، سىندىكىگە ئوخشاش، ساياھەتچىلەر شىنجاڭدا ئەركىن ـ ئازادىلىك ۋە ھاياتىي كۈچتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. «مانا بۇ <شياۋبالاڭ>نىڭ نىشانى، شىنجاڭنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى تەن جيەنخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.