تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك

ئەزا شياۋ ۋېنجياۋ:

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ پەن

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، شۇنداقلا نوقۇل بىر خىل ئەندىزە بىلەنلا شۇغۇللانغانلىق ئەمەس، بىز پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك.» يېقىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ شىنجاڭ شۆبىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، يىغىنغا قاتناشقاندا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرى، ئويلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

لېكسىيەدە، شياۋ ۋېنجياۋ «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە 2024 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئون چوڭ ۋەزىپىنىڭ بىرىنچىسى قىلىندى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىلھاملاندىم ھەم زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچى ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، ماھىيىتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش. بۇنىڭ ئىچىدە، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى رول ئوينايدۇ، ئۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل. گېئولوگىيە پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇل تەتقىقات ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ ۋە زىممەمگە ئېلىپ، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك زور ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زور نەتىجىلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، شىنجاڭ قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرالايدۇ؟ شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پەن، سىستېمىلىشىش، ئىشتاتلىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شياۋ ۋېنجياۋ يەنە تەجرىبىخانىغا كېلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندىكى تەسىراتىدىن كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن ھەمبەھرىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە، پەن تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىككى ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلماسلىقى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا بولۇپ قالدى. پەن تەتقىقات خادىملىرى دىققەتنى كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىشى كېرەك.

2023 ـ يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى دىققەتنى «پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرغاق رايونلاردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى خەلقئارالىشىشقا يۈزلەندۈرۈش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئاكادېمىيە ئىچكى قىسىمدا ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم پەن ـ تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىككى نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە ئۈچ شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى، QTT زور ئىلىم ـ پەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشنى سۇپا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«لېكسىيەنى ئاڭلاپ، قەلبىمدە تېخىمۇ كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بار بولدى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بايلىق خىمىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەۋلانجان مەتنۇر مۇنداق دېدى: مەن چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، AI ياردەمچىسى يېڭى دورا لايىھەلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى يەنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، خەلقئارالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.