تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى ئۆزبېكىستانغا بېرىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ

ئۆزبېكىستان _ جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى باشلىنىدۇ

100دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى ئۆزبېكىستانغا بېرىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىللىق (13 ـ نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان _ جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) 3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، جۇڭگودىن جەمئىي 106 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دائىرىسى ماشىنا ـ ئېلېكتىر، ئەشيا ئوبوروتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، داۋالاش، توقۇمىچىلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. بۇ كارخانا مۇكەممەل يادرو پەن ـ تېخنىكا سانائەت سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەسىپلىرى تەبىئىي ئۇران، يېڭى ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش قىلىش، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئۇنىۋېرسال كانچىلىق، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسى، يادرو تېببىي دورىگەرلىكى، پورت ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 75 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ بازىرىنى ئېچىش بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋلىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كەسىپ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا يىلتىز تارتقىنىغا 32 يىل بولدى. سەنباۋ ئوقەتچىلىك خەلقئارا ئىشلىرى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چيۇ گۇاڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزبېكىستاندىكى بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ نېفىت خىمىيە سانائىتى، كان بايلىقى مېتاللۇرگىيەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، چارۋىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان چېگرا سىرتىدىكى كۆرگەزمە، ئىلگىرى ئۇدا 12 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق ماركىلىق كۆزگەزمىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋەن شياڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، يەنە جۇڭگو شىنجاڭ _ ئۆزبېكىستان ئىقتىساد ـ سودا تونۇشتۇرۇشى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.