تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، جۇڭگو يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى «<جۇڭگو يېزا كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى> تەسىس قىلىشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى بېسىپ تارقاتتى، شىنجاڭ ماناس قۇرۇت بىلەن بېقىلىدىغان توخۇ پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى، شىنجاڭ جىمىسار ئاق پوستلۇق سامساق پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى قاتارلىق ئون پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى تەستىقلاندى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىنىڭ سانى 50كە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ئەندىزىسى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئىزدىنىپ بەرپا قىلغان ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى ئاسپىرانتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

2021 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى باشلاپ، مەۋقەنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يېتەكچى كەسپى ۋە خاس كەسىپلىرىگە قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىنىڭ «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش + ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش + جەمئىيەت مۇلازىمىتى» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، تارىم داشۆ، شىخەنزە داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ، ئاكادېمىيە ـ ئورۇنلارنىڭ ئاسپىرانتلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشقا ئەۋەتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 50 پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىغا 50 باش مۇتەخەسسىس، 100دىن ئارتۇق ئاسپىرانت ماكانلاشتى.

شىنجاڭ ماناس قۇرۇت بىلەن بېقىلىدىغان توخۇ پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ماناس ناھىيەسىدىكى جىنكۈنچۇڭ بىيوپەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تايىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى مۇھىت قۇرۇتىنى ئورگانىك چىقىرىندىغا ئايلاندۇرۇپ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق(قۇرۇت بىلەن بېقىلىدىغان توخۇ)نى كەسىپلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى يادرو قىلىش ئارقىلىق، يېشىل ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.

شىنجاڭ ماناس قۇرۇت بىلەن بېقىلىدىغان توخۇ پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ما دېيىڭ مۇنداق دېدى: «پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىغا تايىنىپ، كېيىنكى قەدەمدە تېخنىكىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشكە نۇقتىلىق كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىمىز».

2024 ـ يىلى مەركەزنىڭ 1 ـ نومۇرلۇق ھۆججىتىدە پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ئەندىزىسى كېڭەيتىلىپ، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ـ ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 50 پەن ـ تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدا نۇقتىلىق كەسىپلەر بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە ناھىيە دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ خاس باغ ـ ئورمانچىلىقى، نۇقتىلىق زىرائەت تېرىقچىلىقى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق پىلانلاشنى چۆرىدەپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي تۈردە راۋانلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىنى كەڭ تۇپراققا يېزىش، نەتىجىلەرنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.