تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەدبىر بەلگىلەش پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەدبىر بەلگىلەش پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2024 ـ يىللىق 1 ـ قېتىملىق مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ خاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مۇھىم يىرىك پىلانى ۋە مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى ھەم مەسلىھەت پىكرى شەكىللەندۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 2023 ـ يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، «ئاقىللار ئۆمىكى» ۋە مەسلىھەتچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مۇھىم مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلىم ـ پەن نۇقتىسىدىن، تېخنىكا نۇقتىسىدىن، كەسىپ نۇقتىسىدىن تېخنىكا تىرىكى ۋە تەدبىر بەلگىلەش پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ «سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىكىر يولىنىڭ تېخىمۇ روشەنلىشىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى، بولۇپمۇ چوڭ ـ چوڭ سۇ تەڭشەش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىلمىي دەلىللەش، تېز ئالغا سىلجىتىش، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، سۇ بايلىقىنىڭ تىرەك بولۇشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق، سۇ بايلىقى چەكلىمىسىدىكى بوغما ھالەتنى تېزدىن ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى «ئاقىللار ئامبىرى» ۋە ئىلىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇ بايلىقىنى پىلانلاش، سۇ قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى، سۇ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىگە قارىتا تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەردان مۇقىيىت، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن دېڭ مىڭجياڭ، فېڭ چى، خۇ چۇنخۇڭ، كاڭ شاۋجۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگو سۇچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.