تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو ـ قازاقىستان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالمۇتادا يوپۇقى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ـ قازاقىستان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالمۇتادا يوپۇقى ئېچىلغان. بۇ تەجرىبىخانىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن قازاقىستان ئەل فارابى دۆلەتلىك داشۆسى بىرلىكتە قۇرغان. تەجرىبىخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشى رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆپ پەنلىك، ئۇنىۋېرسال خەلقئارالاشقان سۇپا بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ جۇغراپىيە، مۇھىت، ئېكولوگىيە قاتارلىق پەن ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.

بۇ تەجرىبىخانا جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئەمەلىي نەتىجىسى. 2023 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئەل فارابى دۆلەتلىك داشۆسى بىلەن قازاقىستاننىڭ شىئەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدا جۇڭگو ـ قازاقىستان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنى ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قۇرغاقچىلىق، سۇ كەمچىل بولۇش، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئاجىز بولۇش، تۇپراق چېكىنىش قاتارلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تىرىكى، يىراقتىن سېزىپ كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاسمان بىلەن يەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تورى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مۇشۇ ئاساستا، بۇ بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى قۇرۇشنىڭ نىشانى − جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش جەھەتتىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىراقتىن سېزىپ كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە يەر يۈزىدە كۆزىتىش تورى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ دەلىللەش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رايون ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بايلىقنى توپلاش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت، ھەتتا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا بايلىق، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ساھەسىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارالاشقان بىر سۇپا بەرپا قىلىپ، يېشىل يىپەك يولى بەرپا قىلىش، رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

بۇ بىرلەشمە تەجرىبىخانىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى يىراقتىن سېزىش تەسۋىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇچۇر ئېلىش، مەسىلەن، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ سۇپىلىق يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇچۇر ئېلىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار؛ يەر يۈزىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە مەھسۇلاتنى دەلىللەش، مەسىلەن، ئېكولوگىيەلىك يىراقتىن سېزىش پارامېتىرىنىڭ مىقدار بەلگىلەش ئىنۋېرسىيە مودېلىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار؛ سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، مەسىلەن، كۆپ مەنبەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئېكولوگىيەنى كۆزىتىپ ئۆلچەش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يىراقتىن سېزىش ۋە GIS (جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى)نى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆپ ساھەدە ئەمەلىي قوللىنىش، مەسىلەن، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى باھالاش، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى تەكشۈرۈش ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئوتلاق مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قوغداش ـ يېتىلدۈرۈش، كاربون يىغىش يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.