تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 476 مىڭغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 476 مىڭ (بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۇەندىكىسى 266 مىڭ 700) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.75 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا 548 مىڭ 300 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.41 ئاشقان؛ يەككە سودا ـ سانائەتچى 1 مىليون 881 مىڭ 600 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.25 ئاشقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش قولايلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئالىقاندا بېجىرگىلى بولۇش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى. نۆۋەتتە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازىتىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى بىرلىكتە بېجىرىش»نى رەقەملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى» كۆچمە تېرمىنالىغا تايىنىپ 30 نەچچە تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرىنى تورغا چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ساھەسىدە مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش، كەچۈرۈم قىلىش بويىچە «ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىك»نى ئېلان قىلدى، بۇ، مەمۇرىي جازانى يېنىكلىتىش ئىش تۈرى تىزىملىكى، مەمۇرىي جازانى كېمەيتىش ئىش تۈرى تىزىملىكى، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ 80 خىلدىن ئارتۇق قىلمىشقا يېنىكلىتىپ، كېمەيتىپ مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى، بۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئۆلچەم، باھا، ئېلان قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ھازىر شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 19 ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرى بىلەن بولغان دائىملىق ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىر پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى تېخىمۇ كۆپ رايون ھالقىپ، تارماق ھالقىپ ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ، ھەمبەھرىلەپ ئەمەلىي قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىدۇ؛ يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنى تىپقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا يار ـ يۆلەك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىجازەت بېرىش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، چېكىندۈرۈش ھالقىلىرىنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە قېلىپلاشقان، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كارخانىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ يىللىق مەلۇماتى، ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىغا قارىتا ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش بويىچە مەخسۇس ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «توختامغا رىئايە قىلىدىغان، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان» كارخانىلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.