تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كەسىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ما شىڭرۇي، ليۇ گويۆ تۈرنى بىرلىكتە قوزغاتتى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئۈرۈمچىدە تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوزغىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق شىنجاڭدىكى سەككىز كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ گويۆ بىلەن بىرلىكتە تۈر قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى بۇ قېتىم ئىش باشلاپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇرۇۋاتقان شىنجاڭدىكى كەسىپ تۈرلىرىگە جەمئىي 201 مىليارد 680 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، خىمىيە سانائىتى، تىرانسپورت قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى بورتالا ئوبلاستى «ئىككى بىرلەشمە تىجارەت» ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، خېجىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە گۇن خابچىل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى، جياڭجۈنمياۋ ـ خېيشەن تۆمۈريولى مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى ھەم ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭنى تەرەققىيات ئاساسىي بازىسى قىلىدۇ، بۇ يىل مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرلەرنىڭ سېلىنما سوممىسى يۇقىرى، قۇرۇلۇش كۆلىمى زور، پەن ـ تېخنىكا تەركىبى يېتەرلىك، تۈرتكە بولۇش تەسىرى كۈچلۈك، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا، قەرەلىدە قۇرۇلۇش قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە تىنچ ـ ئامان قۇرۇلۇش، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى، نادىر قۇرۇلۇش بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ تۈرىنى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئۈلگە بازىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېتەكچى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ليۇ گويۆ سۆزىدە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى تىزگىنلەش، خەۋپسىزلىككە تىرەك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات رايونى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى، تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «كۆمۈر، توك، يول، پورت، ئاۋىياتسىيە» «كۆمۈر، توك، ماي، گاز، خىمىيە سانائىتى» «ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش، ساقلاش، ئىشلىتىش» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈرنى پاكىز ئېچىش بازىسى، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۆمۈردىن ماي ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئېنېرگىيە چوڭ يولى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

يىغىندا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى تۈرلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، قومۇل شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت، جىن جىجېن قاتناشتى، ۋاڭ گاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ھەم قارىمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.