تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بىر بېلەت بىلەن ئىككى كۈن ساياھەت قىلىشنى يولغا قويىدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر بېلەتكە ئاساسەن مەنزىرە رايونىدا ئىككى كۈن ساياھەت قىلالايدۇ. بۇ مەنزىرە رايونى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن «باھاردا يولغا چىقىش» 2023-يىللىق بىرلەشمە ماركېتىڭ مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش ۋە 2024-يىللىق پۈتۈن رايون ساياھەت يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇشۇنداق ئېلان قىلىندى. 


    «باھاردا يولغا چىقىش» 2023-يىللىق بىرلەشمە ماركېتىڭ مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش ۋە 2024-يىللىق پۈتۈن رايون ساياھەت يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ يىلقى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يولغا قويىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن سۈرەتكە تارتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ فوتوسى
    شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چى مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر بېلەت بىلەن ئىككى كۈن ساياھەت قىلىش ئېتىبارى دېگىنىمىز ساياھەتچىلەر سېتىۋالغان مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىنىڭ تەكشۈرتۈپ مەنزىرە رايونىغا كىرگەن شۇ كۈنى ۋە ئەتىسى ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى ئىچىدە بىر كۈن قونۇپ ئۇدا ئىككى كۈن ساياھەت قىلىشنى تالىسا بولىدۇ؛ ھەم مەنزىرە رايونى سىرتىدا قونۇپ، ئەتىسى يەنە مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدۇ، كىرىش بېلىتىنى قايتا سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىنى قايتىدىن سېتىۋالسىلا بولىدۇ. «بۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشى پەقەت ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىزچىل ھالدا مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان <يېرىم كۈنلۈك ساياھەت> قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونىدا چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىشنى تاللاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسى، چوڭقۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرلىنىشكە يېتەكلىدى» دېدى ۋاڭ چى.


    «باھاردا يولغا چىقىش» 2023-يىللىق بىرلەشمە ماركېتىڭ مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش ۋە 2024-يىللىق پۈتۈن رايون ساياھەت يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ئېتىبارلارنى ئېلان قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ فوتوسى
    بۇ يىل، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يەنە كۆپ خىل يېڭى ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ، بۇ تەدبىرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ سېستىرالىق كىنىشكىسى ياكى دوختۇرلۇق كىنىشكىسىگە تايىنىپ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ؛ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىگە تايىنىپ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ؛ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ساياھەتچىلەر تۇغۇلغان كۈنىدە كىملىكىنى ئېلىپ كېلىپ كىرىش بېلىتى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، يەنە مەنزىرە رايونى بىلەن كارخانىلار ھەمتۈرتكە بولۇپ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئېتىبارلارنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر بايلىقى بازىرىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، كۆپ خىللاشقان ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.