يېقىندا، ئاقچى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئاقچى ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى زىيارەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەكتە. باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پارنىكتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاشتى، توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزەتتى، ئاسرىدى ھەمدە تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، پارنىك ئىچىدىكى توك ئىشلىتىش لىنىيەسىنىڭ ئۆلچەملەشكەن، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مەن سۇئېر)
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئاقچى ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرگە بىخەتەر توك ئىشلىتىش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ پارنىكتا بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەر توك ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئاقچى ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پارنىكتىكى ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى