تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بىلەن تەڭ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھاۋا تىرانسىپورتىغا يەنىمۇ كۈچ قوشىدۇ

 جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەردىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 14كە يەتتى

________________________________________________________________________________________________

   ​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى) نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، قەشقەر داكا قىلىدىغان قىزىق جاي بولۇپ قالدى. 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەرگە چېتىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 14نى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىدى. كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرىدىغان-چىقىدىغان يولۇچىلارنى مول، قولايلىق، كۆپ مەنبەلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تىيانشان تېغى بىلەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ ھىمايىسىدە مىڭ يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.       ماتېرىيال سۈرەت

   شىنجاڭنىڭ سىرتى جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ، جىنەن، جېڭجوۋ، چاڭشا، ۋۇخەن، لەنجوۋ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت دۆلەت ئىچىدىكى 11 شەھەرگە قاتناپ، ھەر ۋاقىت تەكشى تارقىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر-لەنجوۋ-جېڭجوۋ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ قەشقەردىن-گۇاڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى، ئىككى كۈندە بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قەشقەر-بېيجىڭ داشىڭغا بىۋاسىتە بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، قەشقەر-چېڭدۇ تيەنفۇ، قەشقەر-ۋۇخەنگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى مۇقىم ئىجرا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئىقتىسادى جانلانغان رايونلار ئارىسىدا قولاي ھاۋا تېز لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، قەشقەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

   شىنجاڭنىڭ ئىچى جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنى زىچ تۇتاشتۇرشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان «ھاۋا تېز لىنىيەسى» بەرپا قىلىپ، ھەر كۈنى 9-8 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 22گىچە قاتناپ، ھەر ۋاقىت ئەتىگەن، چۈش، كەچتە پۈتۈن كۈننى قاپلاپ، ساياھەتچىلەر، ھۆكۈمەت، سودا ئىشلىرى يولۇچىلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئىككى جايغا بېرىپ-كېلىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە شۇ كۈنى باشقا دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە ئالمىشىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا يېڭىدىن 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ

________________________________________________________________________________________________

   3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا كورلا-ئالتاي، ئاقسۇ-موڭغۇلكۈرە-كۆكتوقاي، كورلا-موڭغۇلكۈرە-چۆچەك قاتارلىق 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ چاغدا بۇ شىركەت ئىشقا كىرىشتۈرگەن شىنجاڭ ئايروپورتىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 38گە يېتىدۇ.

   خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يېقىندا يېڭىدىن ئاچىدىغان 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۆۋەندىكىچە: ئاقسۇ-كۇچا-ئالتاي، كورلا-ئالتاي، ئاقسۇ-موڭغۇلكۈرە-كۆكتوقاي، كورلا-موڭغۇلكۈرە-چۆچەك، قەشقەر-موڭغۇلكۈرە-بۇرچىن، قەشقەر-كېرىيە، چۇڭچىڭ-ئۈرۈمچى، كورلا-بورتالا-قاراماي، قەشقەر-غۇلجا-قومۇل، قەشقەر-يەكەن-غۇلجا، شىخەنزە-ئارال-تۇمشۇق، قەشقەر-ئارال-ئاقسۇ، ئاقسۇ-كۇچا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت يەنە ئاقسۇ-كورلا-قومۇل، ئاقسۇ-غۇلجا-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، شىئەن-كورلا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 

   خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش باشلىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى: كورلا-قاراماي-غۇلجا، ئاقسۇ-خوتەن، ئاقسۇ-تۇمشۇق-قەشقەر، غۇلجا-كۇچا-قەشقەر، كورلا-كۇچا-قەشقەر، كورلا-كېرىيە-خوتەن، قەشقەر-كېرىيە-خوتەن، ئاقسۇ-يەكەن-خوتەن، كورلا-چەرچەن-خوتەن، ئاقسۇ-كۇچا-شىخەنزە، خوتەن-كۇچا-غۇلجا، چۇڭچىڭ-ئاقسۇ، چۇڭچىڭ-كورلا، كورلا-شىخەنزە قاتارلىق 24 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بار. 

شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئالتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

________________________________________________________________________________________________

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق خەلق ئاۋىياتسىيەلىرى 2024-يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ. يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئالتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئۇلاپ ئۇچۇپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ، شىنجاڭ سىرتىدا ئالمىشىپ ئۇچۇش ھاجەتسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ. 

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايروپورتىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى ئۇچۇشقا تەييارلاندى. سۈرەتنى لياڭ شياۋ تەمىنلىگەن 

   پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى، بۇ قەشقەر - بېيجىڭ داشىڭ، قەشقەر - شېنجېن، قەشقەر - چېڭدۇ تيەنفۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئىقتىسادى جانلانغان رايونلار ئارىسىدا قولايلىق ھاۋا تېز لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ. 

   بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن قەشقەر - بېيجىڭ داشىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ8891/2 بولۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدۇ، سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ داشىڭغا يېتىپ بارىدۇ؛ قەشقەر - شېنجېن بېرىش - كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6857/8 بولۇپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىنىدۇ، سائەت 8دە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 14تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجېنغا يېتىپ بارىدۇ؛ قەشقەر - چېڭدۇ تيەنفۇ بېرىش - كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ5703/4 بولۇپ، كۈندە بىر قېتىم قاتنايدۇ، سائەت 10دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 14تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇ تيەنفۇغا يېتىپ بارىدۇ. 

   بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىكى بازارلارنى داۋاملىق چوڭقۇر ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ساياھەت كۆزنىكىنى ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىپ، غۇلجا - كورلا - بېيجىڭ داشىڭ، بورتالا - ۋۇخەن، قاراماي - جېڭجوۋ - گۇاڭجوۋدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇ چاغدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 17گە كۆپىيىدۇ. 

4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدۇ

________________________________________________________________________________________________

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى) جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايروپورتىدا توختىغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى.               چې جيې فوتوسى

   بۇ، 2019-يىلى 11-ئايدا بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش توختىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تىجارەتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى رۇسىيە موسكۋاغا بارىدىغان بىردىنبىر قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن، جۇڭگو-رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ «ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى»غا يەنە يېڭى يول قوشۇلغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ چاغدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى پىلانى ئىجرا قىلىنىدىغان خەلقئارا\رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 16گە يېتىپ، ئايروپىلان قاتنايدىغان 14 شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلانغان ئۈرۈمچى-موسكۋا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6001/2 بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدۇ، بوئىن 787 تىپلىق كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىپ-كېلىشتە 500دىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېرىش سەپىرىدە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، موسكۋا ۋاقتى سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋاغا يېتىپ بېرىش، قايتىش سەپىرىدە موسكۋا ۋاقتى سائەت 23تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋادىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىش پىلانلانغان. 

ئۈرۈمچى⇌شياڭگاڭ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ!

________________________________________________________________________________________________

3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى

رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى(ماتېرىيال سۈرەت).

    ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە پىلان بويىچە ھەر پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئۇچۇش ئىجرا قىلىنىدۇ، B737-800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ603/CZ604.​ بېرىش مۇساپىسىدىكى CZ603 نۆۋەتچى ئايروپىلانى پىلان بويىچە 10:05دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 15:35تە شياڭگاڭغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى CZ604 نۆۋەتچى ئايروپىلانى پىلان بويىچە 16:50دە شياڭگاڭدىن ئۇچۇپ، 22:15دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.

ھەر كۈنى قاتنايدۇ! كورلا- لەنجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قاتناش باشلىنىدۇ

________________________________________________________________________________________________

   3- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ياز ۋە كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ. 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيەسى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە كورلا- لەنجوۋ بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلىدىغان كورلا- لەنجوۋ بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى 9C7046/9C7045 بولۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدىكەن. كونكرېت ۋاقتى: سائەت 12دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ سائەت 8دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.