تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11-ئايدا سەنيادا ئۆتكۈزۈلىدۇ  تەييارلىق خىزمەتلەر ئالغا سىلجىتىلماقتا

​     مۇخبىرنىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

    3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2-قېتىملىق تەييارلىق خىزمىتى يىغىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئېچىلدى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خەينەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىدا 18 مەيدان-ساراي تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چەۋەندازلىق مۇسابىقە تۈرى شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە تۇلپار مەدەنىيەت باغچىسىدا، پوجاڭزا تۈرى لىڭشۈي لىئەن خەلقئارا مائارىپ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، قالغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى ئويۇنى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش تاماملانغان بولۇپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە بىرىنچى قېتىملىق تىزىملىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرىمۇ تاماملانغان، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەردىن ئالدىن تىزىملاتقان ئادەم سانى تەخمىنەن 8000غا يەتكەن. 26 مېھمانساراي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش مېھمانسارىيى، ئالتە مېھمانساراي زاپاس مېھمانساراي قىلىپ تاللانغان بولۇپ، 22 مىڭ كارىۋات بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن. 10 مىڭ پىدائىي ۋە 2500 نەپەر ئاممىۋى ئارتىس قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 6-ئايدىن بۇرۇن ئالاقىدار تەربىيەلەش خىزمىتى باشلىنىدىكەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، قاتناش كاپالىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 18 مۇسابىقە تۈرى ۋە ئۈچ چوڭ تۈردىكى ئويۇن تۈرى تەسىس قىلىنغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.