تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ

   4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3-بۆلۈمى

داشىمىندىن تۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا قاتنايدىغان مەخسۇس مۇلازىمەت ئاپتوبۇسىنى يولغا قويۇپ

ئەتىگەن ۋە كەچلىك سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ 

图片

  3-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاممىۋى قاتناش تىرانسپورتى بازىرىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بويىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىدىكى زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3-بۆلۈمى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، داشىمىندىن مىدۇڭ رايونىغىچە بولغان تۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا قاتنايدىغان كوچا ئاپتوبۇسىنى ئالاھىدە يولغا قويدى. 

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3-بۆلۈمى بىخەتەر توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۈن لىنجۇڭ مۇنداق دېدى: 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، بىز كۆپ قېتىم داشىمىن، شياۋشىمىندىن تۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، بۇ يول بۆلىكىدە ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار تەدرىجىي كۆپىيىپ، يولۇچىلار ئېھتىياجى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مەخسۇس مۇلازىمەت ئاپتوموبىل لىنىيەسىنى ئېچىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. 

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يەككە مۇساپىلىك ئومۇمىي لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر بولۇپ، يەككە مۇساپىدىكى ئوتتۇرىچە يۈرۈش ۋاقتى 50 مىنۇت ئىكەن، تۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، يېنىك سانائەت مەكتىپى، خۇرۇم زاۋۇتى، ئەرگاڭ، كازىۋەن، خېنەن يولى، سۇجوۋ يولى، تېببىي داشۆ يولى، خۇالىڭ، شياۋشىمىن، داشىمىندىن ئۆتىدىغان 11 ئاممىۋى قاتناش بېكىتىنىڭ بېلەت باھاسى بەش يۈەن ئىكەن. 

  ماقالە مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.