تېمپراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، گۈل - گىياھ بازىرىمۇ قىزىپ كەتتى، پەسىلگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن گۈل - گىياھلار بازارغا سېلىندى. 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر گۈل دۇكىنىدا گۈل دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خۇڭ (سولدا) دۇكان خادىمى بىلەن يېڭى كەلگەن گۈل - گىياھلارنى تەكشۈرمەكتە. دۇكاندىكى ھەر خىل گۈللەر كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىدى. جاڭ خۇڭ ئاۋات بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىن بولۇپ، 2016 - يىلى ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، بۇ گۈل دۇكىنىنى ئاچقان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈل - گىياھ بازىرىنىڭ تەدرىجىي جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، جاڭ خۇڭنىڭ سودىسىمۇ يىلدىن - يىلغا ياخشى بولدى، بۇلتۇرقى يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مەۋلانجان مۆمىن)
جاڭ خۇڭ ۋە دۇكان خادىمى گۈل - گىياھلارنى رەتلىمەكتە.
دۇكاندىكى گۈل جازىسىغا جۈنزىلەن، دوروۋ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر تىزىلغان ئىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى