تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەمىناتى كەلدى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 5 كەنتكە 90 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىئانە قىلدى

    3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاسىتە، كۆۋرۈك بولۇشى ئارقىلىق، شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتى، جىگدىلىك كەنتى قاتارلىق 5 كەنتكە 90 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئەكېلىپ بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى.

مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 5 كەنتكە 90 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىئانە قىلدى.

دىلشات فوتوسى

    پائالىيەت جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن چاجاڭ كەنتى «ئىككى كومىتېت»ىدىكى كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە تېرىلغۇ كۆلىمىگە ئاساسەن، خىمىيەۋى ئوغۇتنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئايرىپ تارقىتىپ بەردى. خىمىيەۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇۋالغان كەنت ئاھالىلىرى خۇشال بولغىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالدى.

خىمىيەۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇۋالغان كەنت ئاھالىلىرى خۇشال بولغىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالدى.

دىلشات فوتوسى

    مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەدىنە مەخەت مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن باشلاپ، بىز خىزمەت ئەترىتى ماسلاشتۇرۇپ بەرگەن خىمىيەۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇۋالىدىغان بولدۇق، ئائىلىمىزنىڭ 5 مو يەردە يەرلىك چەيزىمىز بار، ھەر يىلقى خىمىيەۋى ئوغۇتتىن نۇرغۇن پۇلنى تېجەپ قالالايمىز، خىزمەت ئەترىتى بىلەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز».
    شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بۇ تۈركۈمدە ئىئانە قىلغان خىمىيەۋى ئوغۇت جەمئىي 90 توننا بولۇپ، قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى مەزگىلىدە، دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ چاجاڭ كەنتى، جىگدىلىك كەنتى، ئاياغ قاراكۆلنۇر كەنتى، سودىگەر توغراق كەنتى، يەكەن مەھەللىسى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە «چوڭ سوۋغات» يەتكۈزۈپ بەردى.

خىمىيەۋى ئوغۇت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا ئايرىپ تارقىتىپ بېرىلدى.

دىلشات فوتوسى

    مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىسالەت مامۇت مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركۈم خىمىيەۋى ئوغۇت دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە چوڭ ياردەم بەردى، بىز چوقۇم خىمىيەۋى ئوغۇتنى ياخشى ئايرىپ تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىمىز».

مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئىئانە قىلغان خىمىيەۋى ئوغۇتلار.

دىلشات فوتوسى

    شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۈن جەنۋېن مۇنداق دېدى: كارخانا تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ھەم جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ خىمىيەۋى ئوغۇتلارنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ھالدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە دىققەت قىلىپ، يەرلىك چەيزە، ۋاڭزىگۇا قوغۇنى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كىچىك مەھسۇلات ئارقىلىق چوڭ بازارنى قوزغىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارىسىدىكى جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال پىلانلىدى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىئانە قىلىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

(مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى دىلشات يۈسۈپ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.