تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

شىنجاڭ ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ۋە ئارىلىشىش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ۋە ئارىلىشىش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويىدىكەن، 2025-يىلىغا بارغاندا، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەھەللە (كەنت)لەردىكى 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزىدىكەن.

   ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھەر قايسى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش تۈرىنى يولغا قويغاندا، ھەر يىلى تەۋەلىكىدىكى 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى بىلىش ئىقتىدارىنى بىر قېتىم دەسلەپكى تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەپ، بىر قىسىم خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى ۋە گۇمانىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سانجى شەھىرى، كۈنەس ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرىدىن ئىبارەت سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بەش ناھىيە (شەھەر، رايون)دا، ھەر يىلى بىردىن ئىككىگىچە مەھەللە (كەنت)نى تاللاپ، ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، يۆتكەپ داۋالاش ۋە ئارىلىشىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال دوختۇر، پىدائىي، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى، پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇستىسى قاتارلىق كۆپ خىل پەن ھەمكارلىشىدىغان مۇلازىمەت كوللېكتىپى بەرپا قىلىنىدىكەن. ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش تېخنىكىسى كېڭەيتىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ماھارىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يۈكى يېنىكلىتىلىدىكەن. بىر تۈركۈم تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، ئارىلىشىش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش مەخسۇس بۆلۈم ئىختىساسلىقلىرى تەربىيەلەپ چىقىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەستە ساقلاش ئامبۇلاتورىيەسى، مەخسۇس بۆلۈم كېسەلخانا تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدىكەن؛ ئاغرىقلار ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئائىلە باشقۇرۇش، مەھەللە باشقۇرۇش، دوختۇرخانا باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئالدىنى ئېلىش، ئارىلىشىش ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.