تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

@ كارخانا @ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى بۇ تۈرنى ئاپتونوم رايون 2 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللايدۇ!

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش، باھالاش خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 14نى قۇرۇپ، ھەر بىرىنى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللايدۇ؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېخنىك ئۇستىلار ئىشخانىسىدىن 14نى قۇرۇپ، ھەر بىرىنى 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللايدۇ.

   پىرىنسىپ جەھەتتە، ھەر بىر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىلتىماس قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسى تۆتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە تېخنىكا ئۇستىلىرى ئىشخانىسىدىن ھەر قايسىسىنى بەشتىن ئاشۇرماي ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوللايدىغان كەسىپلەر، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەر ساھەسىدىكى كارخانىلار ۋە مۇناسىپ كەسىپ تەسىس قىلغان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشتا، يەرلىكنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈر بولسا، مەيلى كارخانا ياكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بولسۇن، ھەممىسىدە ئىككىدىن ئۈچكىچە كەمچىل بولغان ئالاھىدە تەربىيەلەش كەسپى (ئىش تۈرى) ۋە ماس كېلىدىغان تەربىيەلەش مەيدانى، ئۈسكۈنىسى بولۇشى كېرەك. يىللىق تەربىيەلەش كۆلىمى 1000 ئادەم قېتىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر قۇرۇلۇپ بولغان تۈرلەردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە تەربىيەلەش، پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە دەرس تەسىس قىلىش، دەرسلىك ئېچىش، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلۇشى، تەربىيەلەش جابدۇقلىرى، ئىقتىدارىنى باھالاش، ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل، سىستېمىلىق يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يىللىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۆلىمى 1500 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيەلەنگەنلەر 500 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېخنىك ئۇستىلار ئىشخانىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ، تېخنىكا ماھارىتى بىر قەدەر يۇقىرى كەسىپ (ئىش تۈرى)نى تاللاپ، قالتىس ماھارەتكە ئىگە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق كارخانا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ يېتەكلەش ياكى قۇرۇش كېرەك. تېخنىكا يېڭىلاش، ماھارەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭەيتىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرتلىق تۈزۈمى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدىغان ھەمدە مۇكەممەل بولغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، باھالاش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەت تۈزۈمىنى ئورنىتالايدىغان بولۇش كېرەك.

  تېخنىكا ماھارىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرلىرى، مەملىكەتلىك «1 - ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر، جۇڭخۇا ماھارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 1 - تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، «شىنجاڭدىكى ھۈنەرۋەنلەر»گە تاللانغان خادىملار، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىگە ئالدىن كىرگۈزۈلىدۇ.

  3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت تۈرنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى. ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن شىنجاڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى مۇلازىمەت ئۇچۇر سىستېمىسى (sjn.xjzcsq.com)غا چىقىپ ئىلتىماس ماتېرىيالىنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈش ھۆججىتىنى يوللايدۇ. تور سىرتىدا باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىلتىماس قىلغان ئورۇنلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن 61ى، ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسىدىن 109ى بار ئىكەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.