تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ توققۇز تۈر تۇنجى قېتىم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى!

     3-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن 125 تۈرلۈك داۋالاش تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، يېقىندا رەسمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز تۈرلۈك داۋالاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرى بار، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكا تۈرىنى تۇنجى قېتىم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى ئىكەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرىنى تۇرغۇزۇش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 17 تارماقنىڭ «ئاكتىپ پەرزەنتلىك بولۇشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەرلىكنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى(تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ئالاقىدار تېخنىكىلارنىڭ قېلىپلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرىنى تۇرغۇزۇش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاپتونوم رايونىمىز كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى قانات يايدۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە شۇ جاينىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا توققۇز تۈرلۈك داۋالاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسى تۈرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشنى بېكىتتى، بۇ B چاۋ ئارقىلىق تۇخۇم ئېلىش تېخنىكىسى، ئىسپېرما DNAسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەر كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى كۆپىيىشكە ياردەم بېرىپ داۋالاشتا قوللانغاندا چىقىم قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ، شۇنداقلا داۋالاش تۈرلىرىنى قىسمەن چىقىم قىلىش بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئامبۇلاتورىيە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغاندا، فوندنىڭ دەسلەپكى چىقىم ئۆلچىمى تەسىس قىلىنمايدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %80، %70 بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ يىللىق فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قېتىم B چاۋ ئاپپاراتى ئارقىلىق تۇخۇم ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلىشىنى مىسالغا ئالساق، خىراجىتى 1584 يۈەن، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن %80لىك نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلىنسا، شەخسلەر پەقەت 316.8 يۈەن تۆلىسىلا بولىدۇ.

    بۇ قېتىم يېڭىدىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا يەنە 116 تۈرلۈك ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىچكى-تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ، مەسىلەن، ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدى سۈمۈرتۈپ داۋالاش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئارىلاشما ئوكسىگېن بىلەن داۋالاش، بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق تۈرلەر بار.

    بۇ سىياسەت سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، فوندنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى بويىچە تەخمىنىي ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى تەخمىنەن 600 مىليون يۈەن تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.