تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراڭ! ئىللىقلىققا تولغان بۇ ئاستا پويىزغا

□خەلق گېزىتى مۇخبىرى\لى يانەن

شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە بولغان ئارىلىق 2800 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بىۋاسىتە پويىز بىلەن ئەڭ تېز بولغاندا 30 سائەت 12 مىنۇتتا بارغىلى بولىدۇ؛ لېكىن شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئارىلىق 1960 كىلومېتىر، بۇ يولدا قاتنايدىغان بىر پويىز بار، يول يۈرۈشكە 32 سائەت 55 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.

دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ كۆچمە قۇملۇق − تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە، 13 يىلدىن بۇيان، «خوتەن يۈلۇڭ» ناملىق پويىز ھەر كۈنى بۇ يەردىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ، شىنجاڭدا قاتنايدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاستا پويىزى بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى ئامما تەرىپىدىن سەمىمىيلىك بىلەن «شياۋمەن» دەپ ئاتالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى «تېز پويىز» بولۇپ قالدى.

ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى پەقەتلا تۆت يۈەن

شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتى ئىلگىرى ناچار تەبىئىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى ناھايىتى قولايسىز ئىدى. 2011 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، «خوتەن يۈلۇڭ» ناملىق تۇنجى يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، خوتەن ۋىلايىتىدە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

«بۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ خوتەن شەھىرىدىن قەشقەر شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن 500 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ، قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ بېلەت باھاسى 53 يۈەن. خوتەن شەھىرىدىن قاراقاش ناھىيەسىگە بارىدىغان بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ بېلەت باھاسى پەقەتلا تۆت يۈەن، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن پۇقرانىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى» دېدى پويىز باشلىقى بولاتقان.

يىل بويى «شياۋمەن»نىڭ پويىز مۇلازىمەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان بولاتقان ھەر ھەپتىنىڭ يېرىمىنى «خوتەن يۈلۇڭ» ناملىق نۆۋەتچى پويىزىدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ جەمئىي 64 توختاش بېكىتى بار، «بۇ بىر ئاممىۋى قاتناشقا ئايلانغان پويىز، لىنىيە بويىدىكى بەزى كىچىك ۋوگزاللاردىن ئاران بىر ـ ئىككى يولۇچى چىقسىمۇ، بۇ <بىر ئادەملىك ۋوگزال>لار يەنىلا ساقلاپ قېلىندى» دېدى بولاتقان.

گەرچە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاستا پويىزى بولسىمۇ، لېكىن مۇلازىمەت كېمەيتىلمىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم ـ بوران كۈچلۈك، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، 2019 ـ يىلى پويىز گەۋدىسى يېشىل ۋاگوندىن ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ۋاگونغا ئۆزگەرتىلدى، بېلەت باھاسى ئۆزگەرمىدى.

يولۇچى ئابلىز ياقۇپنىڭ كارىۋات بېشىغا چىرايلىق بىر كېپىنەك شەكلىدە لېنتا چىگىپ قويۇلغانىدى. بولاتقان مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۇقتىلىق يولۇچىلارغا بەلگە قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ياشانغانلار، بالىلار، ھەرىكىتى قولايسىز يولۇچىلار قاتارلىقلارغا پويىز خادىملىرى نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ئېھتىياجىغا قاراپ پەرقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

«بۇ قېتىم نەۋرەمنى ئېلىپ چىققانىدىم، پويىز خادىمى مەن بار ئورۇنغا كېپىنەك شەكلىدە لېنتا چىگىپ قويدى، پات ـ پات كېلىپ ياردەم لازىممۇ ـ يوق دەپ سوراپ تۇردى.» ئابلىز كارىۋاتتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان نەۋرە قىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلققە قولايلىق تەدبىر

«شياۋمەن» جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان «خەلققە قولايلىق پويىز»، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكى پۇقرالارنىڭ «بېيىش پويىزى».

خوتەن شەھىرىدىكى 24 ياشلىق يىگىت ئابدۇسالام مەتسىدىق ئۈرۈمچىگە بېرىپ مومىسىنى يوقلىماقچى بولۇپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆستۈرگەن ياڭاقتىن ئىككى خالتا ئېلىپ، بىر خالتىنى مومىسىغا سوۋغا قىلماقچى، بىر خالتىنى پويىزدا ساتماقچى بولدى. بۇ پويىزدا، ئابدۇسالامغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان باشقا كىشىلەرمۇ بار.

«بەلگىلىمە بويىچە، نۆۋەتچى پويىزدا يولۇچىلارنىڭ نەرسە سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.» پويىز خادىمى ماھىرە سەمەت ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2020 ـ يىلى، مەن بىر بوۋاينىڭ پويىزدا ياڭاق، چىلان سېتىۋاتقانلىقىدەك ئىشقا يولۇقتۇم. پاراڭلاشقاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، پويىزدا يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات سېتىپ ئائىلىسىنىڭ خىراجىتىگە ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدىم.

ماھىرە خىزمەتداشلىرى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدا زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇقىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ پويىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەلققە قولايلىق تەدبىر سۈپىتىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلدى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نەرسە ساتقىلى چىقىدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. ماھىرە ئېھتىياجى بار ئاممىنى بىر ۋىيشىن توپىغا قوشۇپ، ھەر قېتىم ئۆزى پويىزدا ماڭغاندا ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلدى، «ۋىيشىن توپىدا ئالدى ـ كەينى بولۇپ 300 ـ 400 ئادەم بار، ئەمما <دائىملىق يولۇچى>دىن 46سى بار».

ئابدۇسالام يەنە ئۆزى ئۆستۈرگەن ئانار، ئاپىسى تىككەن دوپپا قاتارلىق بۇيۇملارنىمۇ ئېلىۋالغانىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پويىزدا بازىرى ئىتتىك ماللار. «بۇ نەرسىلەر بىزنىڭ بۇ يەردىكى ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك بار، ئىلگىرى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق، سودىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ھازىر پويىزدا ئادەم كۆپ، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەنلەر كۆپ، ئېلىپ چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپىرىپ ئاساسەن سېتىۋەتكىلى بولىدۇ» دېدى ئابدۇسالام.

يولۇچىلار پويىزىدا قۇرۇلغان كۆچمە بازار

يەكەن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق قارى ئابدۇرېشىت بىر كۈن بۇرۇن «شياۋمەن»دە يول بويى قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىپ، خوتەن شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن بىر كېچە قوندى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئۇ يەنە سېتىپ ئېشىپ قالغان ياغاچ قاچا، ياغاچ قوشۇقلارنى ئېلىپ پويىزغا چىقتى − بۈگۈن پويىزدىكى «بازار كۈنى» بولۇپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ ۋىيشىن توپىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانىدى.

«يولۇچىلار بېسىق مەزگىلدە، بىز قەرەلسىز كۆچمە بازار تەشكىللەپ، بارلىق خىزمەتچىلەر ئاممىغا ياردەملىشىپ بىرلىكتە سېتىشىپ بېرىمىز.» بولاتقان مۇنداق دېدى: پويىز خادىملىرى ئۆزلۈكىمىزدىن ئەدەبىيات ـ سەنئەت كىچىك ئەترىتى قۇرۇپ، ئويۇن قويۇش ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھسۇلاتلارنى سېتىشىپ بەردۇق، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى.

مانا، پويىز قوزغىلىشى بىلەنلا مۇزىكا ياڭرىدى، پويىز خادىملىرى شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ يولغا چىقتى، ھەربىر ۋاگونغا كەلگەندە يولۇچىلار بەس ـ بەستە سۈرەتكە تارتتى، سىنغا ئالدى. خوتەن شەھىرىدىن كەلگەن مەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز بىر سېۋەت سامسىنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، قارى ئابدۇرېشىت بولسا پويىز خادىملىرى ياردەملىشىپ تەييارلاپ بەرگەن كىچىك ھارۋىنى ئىتتىرىپ، نەق مەيداندا ياغاچ قاچا قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ساتتى.

پويىز قاق سەھەردە يولغا چىققاچقا، بەزى يولۇچىلار ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى، مەتتۇرسۇننىڭ سودىسى يامان ئەمەس بولدى، بىر قېتىملىق سەپەردە سامسىدىن بىرنەچچىسىلا ئېشىپ قالدى. يەكەن ۋوگزالىغا كېلىپ پويىزدىن چۈشكەندە، ئۇنىڭ ۋىيشىنىغا 600 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كىرگەنىدى.

قارى ئابدۇرېشىتنىڭ سودىسىمۇ يامان ئەمەس بولدى، شۇ كۈنى ھېساباتىغا 400 يۈەنگە يېقىن پۇل كىردى، «بېرىپ كېلىش پويىز بېلىتى ئۈچۈن 51 يۈەن، ياتاقتا يېتىش ئۈچۈن 40 يۈەن خەجلىدىم، تاماق پۇلىنى قوشقاندا تەننەرخىم 100 يۈەندىن ئازراق ئاشتى، بۇ ئىككى كۈندە 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم!»

پويىزدىكى بازارنىڭ بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ماھىرە يەنە بازارنى تورغا كېڭەيتىش ئويىغا كەلدى. 2021 ـ يىلى، مۇناسىۋەتلىك ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى تورغا چىقىرىپ، ئالتە دېھقان ئائىلىسىگە ھېسابات نومۇرى ئېچىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، 26 خىل مەھسۇلاتنى تورغا چىقاردى. «ھازىر توردا بىر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلات ساتقىلى بولىدۇ، ئۆيدىن چىقمايمۇ سودا قىلالايدىغان بولدۇق» دېدى ئابدۇسالام.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.