تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق 15 ياشلىق ئۆسمۈر جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن جەڭ ئېلان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «4 ـ ئاينىڭ بېشىدا يولغا چىقىپ، چېڭدۇدا پويىز ئالمىشىپ ئۇدۇل نېپالنىڭ كاتماندۇغا بارىمەن. جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدىكى لاگېرغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك پەرقى ئۆزگىرىشىگە ئۆزۈمنى كۆندۈرۈپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان شارائىتقا ماسلىشىمەن. ئارقىدىن 5 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوققىغا چىقىش كۆزنەك مەزگىلىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئاتلىنىمەن.» 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، 15 ياشلىق ئەلقۇت دىلشات پات ئارىدا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىدا سالماق، تەمكىن بولدى.

2008 ـ يىلى تۇغۇلغان ئەلقۇت ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي يانباغرىدىن جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان يېشى ئەڭ كىچىك جۇڭگولۇق تاغقا چىققۇچى خۇنەن سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 16 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى شۈ جويۈەن.

قىسقا چاچ، ئورۇق، ئاق يۈز كەلگەن ئەلقۇتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 63 كىلوگىرام، «قارلىق تاغقا ھۆرمىتىم بار، ھاياتلىق مەڭگۈ 1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئېكسپېدىتسىيە قىلىدىغانلىقىمنى، تەۋەككۈلچىلىك ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىمەن، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ناھايىتى جاپالىق ھەم خەتەرلىك، لېكىن كوللېكتىپ، يول باشلىغۇچى، يېتەكچى بار، مېنىڭمۇ ئىشەنچىم بار».

ئەلقۇتنىڭ تاغقا چىقىش يولىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇستازى دادىسى دىلشات ئابدۇرېشىت بولۇپ، ئۇ جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىرېنېرى، ئېگىز تاغ يول باشلىغۇچىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتى مۇلازىمەت مەركىزى دالىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش بولسۇن، ئۇ ئوغلىنىڭ مەكتەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ كېلىشىگە ھەم ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا، تۈرلۈك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىغا ھەمراھ بولۇپ، بالىسىنىڭ ياخشى بەدەن ساپاسىغا ئىگە بولۇشىغا ئاساس سالدى.

ئەلقۇت تەيچۈەنداۋنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى، يەتتە يىل مەشىق قىلىش ئارقىلىق قىزىل بەلباغ دەرىجىسىگە يەتتى. سەككىز يىل ئىلگىرى، ئۇ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، قار تېيىلىشتىن باشلاپ، بارا ـ بارا مۇزلۇققا يامىشىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. «بالامنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىقىشقا جەڭ ئېلان قىلىش ئارزۇسى بار، دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن.» دىلشات مۇنداق دېدى: «ئوقۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىز تولۇق پىكىر ئالماشتۇردۇق، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا بېرىش يولىدىمۇ تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى ئېلىۋېلىپ، بارلىق بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئەستايىدىل تەكرار قىلىدۇ، چوققىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ».

2019 ـ يىلى، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم تىك قىياغا يامىشىش ھۆكۈمەت تەرەپ مۇسابىقىسى − شىنجاڭ «يۈەنشىڭ ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى» تىك قىياغا يامىشىش تاللاش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ تىك قىياغا يامىشىش كوماندىسىغا ئىختىساسلىقلارنى تاللىدى. ئەلقۇت ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە سۈرئەت مۇسابىقىسى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى مۇسابىقىسىدە قوش چېمپىيون بولدى. 2022 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 6178 مېتىر ئېگىز يۈجۇ چوققىسىغا چىقتى؛ 10 ـ ئايدا بوغدا رايونىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھېچكىم چىقىپ باقمىغان چوققىغا چىقتى. 2023 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئەلقۇت ئانا مەكتىپىنىڭ بەلگىسى بېسىلغان لوزۇنكىنى ئېلىپ دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇزتاغ چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق مەشىق ئېلىپ باردى.

«ئەڭ ئاخىرقى كۈنى سەھەر سائەت 2دە چوققىغا چىقىشقا باشلىدۇق، يولدا كېتىۋېتىپ بەك ئۇيقۇم كېلىپ كەتكەچكە، بىلىپ ـ بىلمەي قار ئۈستىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن، ھېلىمۇ ياخشى دادام كەينىمدىن چىقىپ، مېنى ئويغاتتى، كېيىن بىز نۇرغۇن كىشىلەردىن ئېشىپ، شۇ كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە چوققىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق» دېدى ئۇ.

2023 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەلقۇت يەنە بوغدا رايونىدىكى 4600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھېچكىم چىقىپ باقمىغان بىر چوققىغا چىقتى. بۇ يىل 2 ـ ئايدا، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 5025 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سىگۇنياڭشەن چوققىسىغا چىقتى. «قەدەممۇقەدەم تەجرىبە توپلىدۇق، قارلىق تاغقا چىقىش جەريانىدا تېخنىكا ماھارىتى مەشىقى قىلدۇق، بۇ، بالامنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.» دىلشات مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىمىز تەييارلىدۇق، يەنە بىر قىسمىنى جەمئىيەت ۋە كارخانىلار ياردەم قىلدى.

«مەن بوغدا چوققىسىغا چىققاندىن تارتىپ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانغىچە 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتتى، 15 ياشلىق ئەلقۇت ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى، بۇلتۇر مۇز تاغ چوققىسىغا چىقتى، بۇ يىل دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا جەڭ ئېلان قىلدى، ئۆسمۈرلەر قۇدرەت تاپسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئۇنىڭ جۇڭگو تاغقا چىقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلقۇتنىڭ چوققىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ، تىنچ ـ ئامان قايتىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن» دېدى جۇڭگودىكى تۇنجى بولۇپ بوغدا چوققىسىغا چىققان تاغقا چىقىش ئېكسپېدىتسىيەچىسى ۋاڭ تيېنەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2007 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدىن ياڭ چۇنفېڭ، ئەن شاۋخۇا، لى خاۋپېڭ قاتارلىق 13 كىشى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.