تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى يېڭىدىن 1 مىليون توننا كۆپەيتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بۇ يىل، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنە تۆھپە قوشۇشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە 1 مىليون توننا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلماقتا. ھەرقايسى جايلار ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش، ئىلغار، باب كېلىدىغان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئورۇنداشقا ئاساس سالدى.

«ئىككىنى ئاشۇرۇش، بىرنى تەڭشەش» ئارقىلىق ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش

3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىلىرى، ھاۋارايى شارائىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جىڭ ناھىيەسى دېھقان ئائىلىلىرىنى تۈرلۈك زىرائەتلەرنى بەس ـ بەستە تېرىشقا يېتەكلىدى. بۇ جاي «ئاق يەرگە بۇغداي تېرىش + ئېڭىزغا باشقا زىرائەت تېرىش»تىن ئىبارەت تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇغداينى تۈجۈپىلەپ تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇغداينىڭ ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

«بۇ يىل بىز دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي تېرىشنى ۋاقتىدا تاماملاپ، 2 ـ تېرىمدا ئېڭىزغا تېرىلىدىغان زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيمىز.» جىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزى تېخنىكا مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى خۇي خۇا مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەندىزىگە تايىنىپ، كېيىنكى مەزگىلدە دېھقان ئائىلىلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېڭىزغا سىلوس قونىقى قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ، ھوسۇل ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ «ئىككىنى ئاشۇرۇش، بىرنى تەڭشەش» ئارقىلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. «ئىككىنى ئاشۇرۇش» تېرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «بىرنى تەڭشەش» تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشتىن ئىبارەت.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 44 مىليون مودىن ئاز بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئاشلىق چىقىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

شىنجاڭ يەنە ئاشلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. كونكرېت مەشغۇلات جەريانىدا، ھەرقايسى جايلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئازايتىپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق تېرىقچىلىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەيدۇ. بۇغداي تېرىقچىلىقىدا مۇقىم بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ئومۇمىي ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تايىنىپ، سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، مول سېلىنلىق، ئورگانىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداينى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىدۇ. كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىدا كېڭەيتىش جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بۇغداي تېرىلىدىغان قىسمەن يەرلەرنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆممىقوناق تېرىشقا تەڭشەيدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ۋە كۆكباش قوناقنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئاشلىق ۋە يەم ـ خەشەككە تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كۆممىقوناق ۋە سىلوس قونىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنى ئۇنىۋېرسال ئاشۇرىدۇ.

پەن ـ تېخنىكىلىق جابدۇقلارنى تىرەك قىلىش ئارقىلىق ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش

ھازىر، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەۋاتىدۇ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى.

«مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنا ـ سايمانلىرى، ياخشى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈرتكە قىلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق بۇغداي كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش پەن ـ تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى كەينى ـ كەينىدىن باشلاندى. شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى تېخنىك خادىملارنى تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ چۈشەندۈرۈش، ئۆگىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاشلىق تېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاشلىق تېرىش شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەت بولۇپ قالىدۇ. يېقىندا، شىنجاڭ يېقىنقى بەش يىلدا ئاشلىق ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 400 مىليون جىڭدىن يۇقىرى بولۇش ياكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 300 مىڭ مودىن يۇقىرى بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنى بېكىتتى ھەم ئېلان قىلدى، زىرائەت سورتلىرىنى كېڭەيتىش كۆلىمى، ئېكولوگىيەگە ماسلىشىشچانلىقى، ھوسۇلى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىپادىسىگە ئاساسەن، يېتەكچى سورتلارنى تاللاپ چىقىپ، تېرىقچىلىق رايونى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق، ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئاشلىق تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 1 پىرسەنت پوئېنتتىن 1.5 پىرسەنت پوئېنتقىچە، كۆممىقوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنى 2 پىرسەنت پوئېنتتىن 3 پىرسەنت پوئېنتقىچە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»نى ياخشى قۇرۇپ چىقىدۇ.

شىنجاڭ يەنە ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدۇ. شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن تەتقىقات بايلىقى، كۈچىنى توپلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشلىق، ياغلىق دان، كېۋەز، مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلار بويىچە ئۇرۇقچىلىق يادرولۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ئۈزلۈكسىز قازىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقلىرى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش بىلەن قوللىنىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ماشىنا ئۈنۈمى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى %90تىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

سۇ، يەر كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلاش

تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ يىل، شىنجاڭ سۇ، يەر بايلىقى مۇھىم ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا ئىشەنچلىك ماددىي ئاساس سالىدۇ.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئىشلەپچىقىرىشى باشلانغاندىن بۇيان، نىيە ناھىيەسى روكىيا يېزىسىنىڭ يايلاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇ باشلاپ سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى، دېھقانچىلىق ۋە سۇچىلىق تارماقلىرىدىكى تېخنىكلار ئېتىزلارغا كېلىپ دېھقانلارغا ئېتىز پەرۋىشى ۋە سۇغىرىش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغىچە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدى، ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. «بۇ يىل ئەتىيازلىق سۇغىرىش ۋاقتىدا بولدى، سۇ يېتەرلىك كەلدى، يەنە تېخنىكلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ھوسۇل چوقۇم بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولىدۇ» دېدى بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى سىدىق تۇرسۇن.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سۇ بايلىقى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ تەڭشەش، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ كۆپەيتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ۋادى رايونى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سىستېمىلىق باشقۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، دەل جايىدا تەڭشەش ـ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ 55 مىليارد كۇب مېتىردىن كەم بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2023 ـ يىلى توڭ ياتقۇزۇش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار زاپاس ساقلىغىلى بولىدىغان سۇنىڭ ھەممىسىنى زاپاس ساقلاش، سۇغارغىلى بولىدىغان يەرلەرنى تولۇق سۇغىرىش، يەرگە باغلاپ سۇ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىل ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا سۇ ئىشلىتىشكە پۇختا ئاساس سالدى. 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 2 مىليارد 128 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش پىلانىدىكى (1 ـ ئايدىن 5 ـ ئايغىچە) 14 مىليارد 84 مىليون كۇب مېتىرنىڭ %15ى ئورۇندالدى. سۇ ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، تەھلىل قىلىش ۋە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 3 ـ، 4 ـ ئايدا جايلارنىڭ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ھەر دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مېتېئورولوگىيە، سۇ رايى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ ۋە كېڭىشىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش سۈرئىتى، جەريانىغا قەرەللىك ھالدا ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىپ، سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىلمىي سۇغىرىش ۋە سۇ تېجەپ سۇغىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى دەل جايىدا تەڭشەپ تەقسىملەشنى سۇ ئەھۋالى ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ھەر ۋاقىت سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەپ، سۇغىرىش رايونىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدۇ.

تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشى جەھەتتە، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ. ئېتىزلارنى تۈزلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇغىرىش، زەي چىقىرىۋېتىش ئۆستەڭ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىدۇ. مالىيە ياردەم پۇل مەبلىغى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئۇنىۋېرسال تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بۇ يىل يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %67.6 تىن %75.1كە ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاشلىق ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا مول ھوسۇل ئاساسى سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.