تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇ ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ھەربىي سەپكە قاتناشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت گې يەننىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەزىمەت خالمۇرات

«بوۋا خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم ھەربىي گازارمىدا ئۆزۈمنى ئوبدان چېنىقتۇرىمەن...» 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى خەلق قوراللىق بۆلۈمى قورۇسىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە داقا ـ دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ھەربىي سەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرىسى لى زىياڭنىڭ جاراڭلىق ۋەدىسىنى ئاڭلاپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 92 ياشلىق پېشقەدەم ئەسكەر ما خېخەي ھاياجانلىق ياشلىرىنى تۆكتى.

بوۋىسىغا قاراپ، لى زىياڭنىڭ كۆزلىرىمۇ نەملەشتى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇرۇش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى.

«بوۋام 16 يېشىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى جەڭچى.» لى زىياڭ مۇنداق دېدى: بوۋام ئىلگىرى دېياڭ ۋوگزالىنى قوغداش قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان، بىر قېتىملىق پىستىرمىدا دۈشمەننىڭ كۆيدۈرۈش بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئەينى يىلى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بوۋام بەدىنىنىڭ نەچچە يېرىدىكى كۆيۈك ئاغرىقىغا پىسەنت قىلماي، بارلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ پىستىرما ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە 3 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

بوۋىسىنىڭ تەسىرىدە، لى زىياڭ ھەربىي گازارمىغا تەلپۈندى. ئاخىرى، 18 يېشىدا داشۆگە يېڭى كىرگەندە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، لى زىياڭ قەتئىيلىك بىلەن ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى تاللاپ، قوراللىق ساقچى قىسىمدا خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش ئەسكىرى بولدى.

ھەربىي گازارمىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر ۋاقىت بوۋىسىنى ئۈلگە قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى ھەربىي قىسىم تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. ئەتىگەندە بەش كىلومېتىر يۈگۈرۈپ بەدەن قىزىتقاندىن كېيىن، ئارقىدىن ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ بەش كىلومېتىر يۈگۈردى، كۆتۈرۈۋالغان مىلتىق، ئوق، سۇدان ۋە سومكىنى قوشقاندا تەخمىنەن 20 كىلوگىرام كېلەتتى، بەزىدە كەچتە يەنە بەش كىلومېتىر يۈگۈرەيتتى. يازدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى تاقاپ مەشىق قىلىش خۇددى ھورداققا چۈشكەنگە ئوخشايتتى، ئىككى سائەتتىن كېيىن تېرىسى ئاقىرىپ كېتەتتى. لى زىياڭ مۇنداق دېدى: بوۋام جەڭ قىلغاندا ئۆلۈمدىنمۇ قورقمىغان، بۇنچىلىك جاپا ھېچ گەپ ئەمەس. ئاخىرىدا ئۇ كۆپ تۈرلۈك باھالاشتا مەشىق ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندى.

ئىككى يىل ۋاقىت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، 2023 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، لى زىياڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق ئوقۇدى ھەمدە بارلىق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇ مەكتەپتە بولسىمۇ، دائىم ھەربىي گازارمىنى، سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەن چاغلارنى چۈشەيتتى، ھەربىي گازارمىغا يەنە قايتىش ئويى كۈندىن ـ كۈنگە كۈچەيدى.

«مەن قىسىمغا قايتىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرىمەن!» ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا بۇ گەپلەرنى قىلغاندا، دەرھال بوۋىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى: «يارايسەن!»

قىزىل ئائىلە ئىستىلىنىڭ تەسىرىدە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا لى زىياڭ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى، قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئىرادىلىك ياش بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم ھەربىي فورما كىيدى.

«ھەربىي گازارمىغا بېرىش مەن ئۈچۈن ئىرادە ۋە جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى قايتا تاۋلىنىش، كىشىلىك ھاياتىمدىكى تېپىلغۇسىز كەچۈرمىش ۋە قىممەتلىك بايلىق.» لى زىياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر قېتىم ھەربىي سەپكە قاتناشقان كەچۈرمىشىم بولغاچقا، ھەربىيلەرنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، ئىككىنچى قېتىم ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتىنى چوقۇم قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئائىلە دۆلەتنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.