تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئىمپورت ـ ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشتى

قورغاس پورتىدا

ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئىمپورت ـ ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قورغاس پورتىدا ئىمپورت ـ ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 6 مىليون 906 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.6 ئاشقان.

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قورغاس پورتىدىن پىروكاتلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللىرى، مېتال ھەم رۇدا، يېمەكلىك قاتارلىق تاۋارلار ئاساسلىق ئىمپورت قىلىندى، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، كىيىم ـ كېچەك ھەم كىيىم ـ كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار قاتارلىق تاۋارلار ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىندى.

ھازىر، قورغاس پورتىدا كۆپ خىل سودا شەكلىنىڭ ھەممىسىدە پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىش ھالىتى بارلىققا كېلىپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى. 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «پورتتىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» مەشغۇلات ئەندىزىسى قورغاس تاشيول پورتىدا يولغا قويۇلۇپ، بۇ پورتنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى 12 تۈردىن 4 تۈرگە قىسقارتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %40تىن كۆپرەك تېجەلدى.

قورغاس خاۋچېڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ مەسئۇلى ليۇ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پورتتا ھازىر شۇ جايدىكى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلىش، تاموژنىدىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش، تاموژنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى بار، بۇ، كارخانىمىزنى خېرىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بولغان چېگرادىن چىقىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركىتىمىز تاشيول تىرانسپورتى شەكلى ئارقىلىق 1500دىن ئارتۇق تاۋار ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلدى، سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى چېن پېڭدې مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشى ئۈچۈن تاموژنا كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.