تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەۋزەللىكنى زورايتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەۋزەللىكنى زورايتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ما شىڭرۇي دولاتا پورتى دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە قاراشتا سىجىل ئازاد بولۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى كۈچەپ زورايتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈر قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى ئىگىلىدى، جۇڭلۈديەن سېلىنما چەكلىك شىركىتىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى 4 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقنىڭ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور تەبىئىي ئەۋزەللىكى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە نىلقا ناھىيەسىدە كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپەتنى تىزگىنلەش، كۆمۈر قېزىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىت قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قوناق ئۇرۇقلۇقى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ نىلقا غەربىي قىسىم بۆلەك رايونىدىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىنەم ئېتىزلارنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، چاپچال سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تېرىقچىلىق مەزگىلىنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، سۇچىلىق كاپالىتى قاتارلىق كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. سۇ مەسىلىسىگە تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، چوڭقۇر قاتلامدىن مۇئامىلە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ ئىشلىتىشتە تېرىقچىلىق كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى ئۈنۈمىنى كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشنى ئىلمىي تەڭشەش ۋە سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىنى سۇ سىڭمەس قىلىپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۆلەملەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك شىركىتى ۋە چاپچال چۇاڭفېڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، ما شىڭرۇي سالمون بېلىقى بېقىش، پىششىقلاش ۋە گۆش كالىسى كۆپەيتىش، يەم ـ خەشەك، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كارخانىلارنىڭ ئەلا سۈپەتكە، خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، سالمون بېلىقى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئەلا سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

غۇلجا شەھىرى يىنخېگۇ ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش شەھەرچىسى، خوۋتەن سۇلۇق يەر ۋە خۇامېي شېڭدى مېھمانسارىيى تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي غۇلجا شەھىرىنىڭ بوشلۇق يىرىك پىلانى، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شەھەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى مۇۋاپىق بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىدىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي دولاتا پورتىدىكى دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پورتنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا تۇتۇشىدىغان چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىدا كۆلەمنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى چىڭسىخوزا باغچە رايونىدا، ما شىڭرۇي باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، داۋالاش، ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت، مۇھىم ئامىل قاتارلىق ئېتىبار بېرىش شارائىتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، ما شىڭرۇي باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكان، ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتى، پوچتا تىجارەت نۇقتىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەت پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، فۇنكسىيەلىك كەسىپلەرنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كىشىلەر ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى ۋە ئۇچۇر ئېقىمىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن توپلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆزنەك سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، ما شىڭرۇي يەنە چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋە بىرىنچى سەپتىكى خەلق ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ سىجىل كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى جىددىي ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىكى چوڭ ـ چوڭ تۈرلەر ۋە نۇقتىلىق كەسىپ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ «ھەميان»ىنى تېخىمۇ تومپايتىپ باياشات، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، پىششىقلاش سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۈزلەنگەن سودا، ئەشيا ئوبوروتى، كەسىپ ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئاساسنى پۇختىلاش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھەرىكىتىنى شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.