تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 57 مىليون پارچىدىن ئاشتى

​كەسىپ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي بۇرۇن 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن، پىراكتىكانت ياڭ يەنيۈنىڭ شىنجاڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 57 مىليون 132 مىڭ 400 پارچە ئورۇندىلىپ، كەسىپ كىرىمى 1 مىليارد 119 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %43.71، %33.71 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 5 - ۋە 3 - ئورۇندا تۇرغان. تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي بۇرۇن 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شەھەر ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 10 مىليون 128 مىڭ 100 پارچە ئورۇندالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.48 ئاشقان؛ باشقا جايغا يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 46 مىليون 843 مىڭ پارچە ئورۇندالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.86 ئاشقان؛ خەلقئارا\شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كەسىپ مىقدارى 161 مىڭ 300 پارچە ئورۇندالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %243.94 ئاشقان.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كەسىپ كىرىمى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ تېز بولغىنى قەشقەر ۋىلايىتى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.49 ئاشقان، ئۇنىڭدىن قالسا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.86، %55.56، %55.2، %50.97 ئاشقان؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ تېز بولغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.19 ئاشقان، ئۇنىڭدىن قالسا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.12، %36.34، %36.01، %27.62 ئاشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان ناھىيە (شەھەر)لەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، سانجى شەھىرى؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى ئىكەن.

كەسپىي زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش رايونى»غا رەسمىي كىرىشى شىنجاڭنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ مىقدارى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز مۇلازىمەت مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.