تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، نەتىجىلەر كۆزنى چاقناتتى

​− ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىغا نەزەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4 ئېشىپ، بۇلتۇردىن بۇيانقى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى... 1 -، 2 - ئايدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئېلان قىلىنىپ، بىر پارچە كۆزنى چاقنىتىدىغان «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇرۇلدى.

«1 -، 2 - ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، ماكرولۇق بىرىكمە سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي يۈرۈشۈشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، يارقىن نۇقتىلار كەينى - كەينىدىن نامايان بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جۇڭجېن.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەسىپنى مۇقىملاشتۇرۇش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچەپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 -، 2 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۈچ چوڭ تۈردە ئومۇميۈزلۈك ئېشىش بولغان، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئېشىشى تېزلىتىلگەن.

1 -، 2 - ئايدا، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %2.2، %14.8 ۋە %11 ئېشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ 0.8، 6.5 ۋە 2.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنغان 351 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە، 215 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، ئېشىش كۆلىمى %62.3 بولۇپ، ئېشىش كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.7 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن.

11 نۇقتىلىق كەسىپنىڭ توققۇزىدا ئېشىش ئىشقا ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مېتاللوئىد مىنېرال بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 31.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %14.8 بولۇپ، سانائەتنىڭ 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ خىمىيە خام ماتېرىيالى ۋە خىمىيە بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 9.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %10.7 بولۇپ، سانائەتنىڭ 1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ يېقىلغۇ گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 5.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %7.5 بولۇپ، سانائەتنىڭ 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

سۈن جۇڭجېن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خام ماتېرىيال ئەۋزەللىكى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

1 -، 2 - ئايدا، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى 110 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 86.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىدىغان 10 كارخانا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ جەمئىي 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %29.5كە يەتتى.

پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 24.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، كۆلەمدىن يۇقىرى توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %18.3 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.1 ئاشتى، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.6 ئاشتى، سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى.

ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈر ئالدىنقى يىلىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش ئاساسىدا داۋاملىق ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 79 مىليون 787 مىڭ 800 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى. خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 541 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشتى. تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 7 مىليارد 678 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشتى. توك چىقىرىش مىقدارى 87 مىليارد 902 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى.

تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا باشلىنىش ياخشى بولدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنى تۇتتى، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇردى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا باشلىنىش ياخشى بولدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 -، 2 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. كەسىپلەر ئايرىمىسى بويىچە قارىغاندا، 1 - كەسىپنىڭ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان، 2 - كەسىپنىڭ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشقان.

شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. «قوش كاربون» نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىزغىنلىقى ۋە سۈرئىتىنى ساقلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، يېڭى ئېنېرگىيە سېلىنمىسىنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى.

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.9 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى 139 بولۇپ، تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %191.5 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز قۇرۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتتى، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئاساسىي موتورلۇق رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.1 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 10.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %81.6 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 17.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۇل ئەسلىھە ۋە سانائەت تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتىكى نۇقتىلىق ساھە بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىدا «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رول ئوينىدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە بويىچە «ئون تور»نى قۇرۇشنى تېزلەتتى، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە سالغان مەبلەغ سىجىل ئېشىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرى سىجىل كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا «مەنبە خاراكتېرلىك» ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 26.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.8 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 12.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 8.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %66.3 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 13.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 82.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.7 ئاشتى.

سۈپەت - ئۈنۈم ئۆسۈپ، كۆزلىمە ياخشىلاندى

سۈن جۇڭجېن مۇنداق دېدى: سانائەتتە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش، سېلىنمىدا باشلىنىش مۇقىم بولۇش بىلەن بىللە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولۇش، سۈپەت - ئۈنۈم ئۆسۈش، كاپالەت ئەلا بولۇش، كۆزلىمە ياخشىلىنىش قاتارلىق يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى.

ئالدىن يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچىدە بازارنىڭ «ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. 1 -، 2 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 37 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 14.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. كارخانا (كەسپىي) ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

مالىيە، تاشقى سودىدا تەرەققىياتنىڭ «سۈپەت - ئۈنۈمى ئۆسۈش» نامايان بولدى. مالىيە، تاشقى سودا ئالدىنقى يىلىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ئاساسىدا داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئاشتى، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 40 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 10.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 63 مىليارد 690 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 42.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ «كاپالىتى ئەلا بولۇش» نامايان بولدى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شەھەر - بازارلاردا 46 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شىنجاڭدا ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

سىياسەتتە كۈچەش ئىقتىساد «كۆزلىمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى»غا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون «1 + 36 + 8 + 1» سىياسەت سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇردى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» (سانائەت قىسمى)نىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %94.2 بولدى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت سىجىل كۈچىدى، كۆلەمدىن يۇقىرى پۇقراۋى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 8.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش كۈچەپ ئالغا سىلجىتىلىپ، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 488 بولدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار بىرىكمە سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا باشلىنىش ياخشى بولدى.» سۈن جۇڭجېن مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 1 - پەسىللىك ئىقتىسادتا ئومۇميۈزلۈك «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.