ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئون تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوندا بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىشنى تېزلىتىش ھەرىكەت پىلانى (2024- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇغۇت يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى %50كە، بالىياتقۇ بوينى راكى ھەم راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى %90 كە يەتكۈزۈلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇلازىمىتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ؛ 2030- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇغۇت يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى %70كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ بالىياتقۇ بوينى راكى ھەم راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ.