تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

«تاڭلاۋيا»نىڭ ئەسلى سىياقى بولغان ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك جىڭ ناھىيەسىدە پەيدا بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن شياڭدۇڭ خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭدىكى قۇش ھەۋەسكارلىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئېكولوگىيە باغچىسىدا قۇشلارنى تاماشا قىلىۋاتقاندا، دەريا يولىدا سېمىز، يۇمىلاق، قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ياۋا ئۆردەكنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرق ئېتىشىچە، بۇ ياۋا ئۆردەك دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنىڭ بىرى بولغان ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك بولۇپ، بالىلىق ئەسلىمىمىزدىكى «تاڭلاۋيا»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىكەن.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەتلىك 1ـ دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك شىنجاڭنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە پەيدا بولدى.

تيەن شياڭدۇڭ فوتوسى

    ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك ئۆردەك ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئىنتايىن تىپىك توپلىشىپ ياشايدىغان تىپلار ئىچىدىكى سۇ ئۆردىكى تۈرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر. جۇڭگودا پەقەت شىنجاڭدىلا كۆپىيىدۇ، ھەر يىلى سانى ئاران نەچچە ئونغا بارىدۇ.

ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك جۇڭگودا پەقەت شىنجاڭدىلا كۆپىيىدۇ، ھەر يىلى سانى ئاران نەچچە ئونغا بارىدۇ.

تيەن شياڭدۇڭ فوتوسى

​    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭنىڭ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان پەسىل، جىڭ ناھىيەسىدە بايقالغان بۇ چىشى ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك كۆچۈش جەريانىدا شۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قۇش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن سۇلۇق يەر ياكى كۆللەردە ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك بايقالغان، ئۇنىڭ تۈر توپىنىڭ سانى كۆپەيگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ تۈر توپىنىڭ سانى كۆپەيدى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن سۇلۇق يەر ياكى كۆللەردە ئاق باش قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ ماكانلاشقانلىقى بايقالدى.

تيەن شياڭدۇڭ فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، پۆپۈچەكلىك چۆمگەك ئۆردەك، قىزىل باشلىق چۆمگەك ئۆردەك، قىزىل تۇمشۇق چايكا، چوڭ ئاق قوتان قاتارلىق نۇرغۇن قۇشلارنى شۇ جايدىكى سۇلۇق يەردە كۆپىيىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.