تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«كۆز ئەتراپى قارىداش» كېچىسى ئۇخلىماسلىقتىن كېلىپ چىقامدۇ

«كۆز ئەتراپى قارىداش» نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

    «كۆز ئەتراپى قارىداش» رەسمىي بىر تېببىي ئاتالغۇ ئەمەس، بۇ ساھەدىكىلەر ئۇنى «كۆز چانىقى ئەتراپىغا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش» دەپ ئاتايدۇ، بۇ، كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل يۈز گۈزەللىكى مەسىلىسى. ئەمەلىيەتتە «كۆز ئەتراپى قارىداش»نىڭ ھەممىسى كېچىسى ئۇخلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئەمەس. «كۆز ئەتراپى قارىداش» ئاساسلىقى قارا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ.
     «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرى بىلەن «كۆز ئەتراپى قارىداش» زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن: ئالاھىدە سېزىمچان تېرە ياللۇغى، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن بولىدىغان بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلار؛ دائىم كۆز گىرىمى قىلىش، ئۇزاق مۇددەت كۈن نۇرى ئاستىدا تۇرۇش، قېرىش، كۆز گىرىمىنى پاكىز يۇيۇۋەتمەسلىك قاتارلىق غەيرىي كېسەللىك ئامىللىرى؛ تېرە ئىچكى پىگمېنتىنىڭ كۆپىيىشى، مەسىلەن: ھەقىقىي تېرە پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ، تېرە يۈزىدە ئىچكى پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش؛ تېرە بوشاپ قورۇلۇش، چاناق پاسىلىدىكى ماي پولتىيىپ چىقىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان چاناق ئاستى تېرىسى تومپىيىپ چىقىش، ئۇدۇلدىن نۇر چۈشمىگەندە شەكىللەنگەن سايە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل «كۆز ئەتراپى قارىداش»

 

   قان تومۇر تىپلىق «كۆز ئەتراپى قارىداش». ئەڭ مۇھىم سەۋەب كېچىسى ئۇخلىماسلىق. ئۇزاق مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماسلىق، كۆزنى زىيادە ئىشلىتىش كۆز ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ناچارلاشتۇرۇپ، «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش تىپىدىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش». ئەڭ مۇھىم سەۋەب قارا پىگمېنتنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلماسلىق، ئۇزاق مۇددەت روھىي بېسىم زىيادە چوڭ بولۇش ياكى ئىلگىرى تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئەتراپىدىكى قارا پىگمېنتلارنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    قۇرۇلما تىپىدىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش». ئەڭ مۇھىم سەۋەب كۆز ئەتراپى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى. بۇ خىل «كۆز ئەتراپى قارىداش» قېرىش، ۋاقىتلىق كۆز سۇلۇق ئىششىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان «كۆز ئەتراپى قارىداش»تىن ئىبارەت.

    «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

    ئاقارتىش تەركىبى بار كۆز مەلھىمى پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش تىپىدىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيتىدۇ. تەركىبىدە كوففېئىن بولغان كۆز مەلھىمىمۇ كۆز قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمىنى كۈچەيتىپ، قاننىڭ مىكرو ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا پىگمېنتلارنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى ئازايتىدۇ. تەركىبىدە چۈچۈكبۇيا ئېكستراكتى ياكى ۋىتامىن E بولغان كۆز مەلھىمى تېرىنىڭ ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى پەسەيتىدۇ، شۇنداقلا ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پېگمېنتنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى ئازايتىدۇ. دېمەك، كۆز مەلھىمىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش رولى بار، بىراق بارلىق تۈردىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش» مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ.
    قان تومۇر تىپلىق «كۆز ئەتراپى قارىداش»قا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، سوغۇق ئۆتكۈزۈش ھەمدە تەركىبىدە ۋېتامىن A ئالكوگول ياكى كوففېئىن بولغان كۆز مەلھىمىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. پىگمېنت تىپىدىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش»تا ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە كۆز مەلھىمى ئارقىلىق داغنى سۇسلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇلما تىپىدىكى «كۆز ئەتراپى قارىداش»نى تېببىي گۈزەللەشتۈرۈش
 ۋاسىتىسى ئارقىلىق، مەسىلەن: گىئالۇرونىك كىسلاتانى ئوكۇل قىلىش، لازېر نۇرى ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

    «كۆز ئەتراپى قارىداش»قا نىسبەتەن يەنىلا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، گەرچە تۇغما پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش، يۈز قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن سايە چۈشۈپ قېلىش ھەمدە قېرىش سەۋەبىدىن يۈز بوشىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، بىراق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق تۇغما بولمىغان «كۆز ئەتراپى قارىداش» شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تۇغما بولمىغان «كۆز ئەتراپى قارىداش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
    1. ئىلمىي دەم ئېلىش، ئۇيقۇسىز قالماسلىق، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆزنى زىيادە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
    2. قېنىق گىرىم قىلماسلىق، گىرىمنى ئىلمىي يۇيۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
    3. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.
    4. كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئۆگىنىش، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
    5. كۆز ئەتراپى تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك.

«ساغلاملىق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.