تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى! شىنجاڭدىكى 10 تارماق بىرلىشىپ ئالغا سىلجىتىدۇ!

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئون تارماق بىلەن بىرلىشىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى تېزلىتىش پىلانى (2030-2024)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى %50كە، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇلازىمىتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ؛ 2030-يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى %70كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇلدى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئادىل مەنپەئەتلىنىش، تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىئانە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللاردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەش نىسبىتى پۇختا، تەرتىپلىك ئۆستۈرۈلدى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك رايون ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، زىيارەت قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي جەريانلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئورنىتىپ، رايونلار ئارا، ئاپپاراتلار ئارا يۆتكەپ داۋالاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  بالىياتقۇ بوينى راكىغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان بالىياتقۇ بوينى راكىغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كۆرسەتمىسى كېڭەيتىلىپ، ئاغرىقنى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق، پىسخىكىلىق قوللاش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ياشاش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

  بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. پەن قۇرۇلۇشى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، شەھەر-يېزىلار نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن جەريانلىق ئايرىم دېلو ئۇچۇرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.