يېقىندا، جىنخۇانىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوختۇرلىرى، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرى ئونسۇ ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ ئۆزگىچە بىر قېتىملىق ئېغىز بوشلۇقى بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەردە ياخشى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ئادىتىنى يېتىلدۈردى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «بالىلار ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكىگە ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىش تۈرى»نى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە جەمئىي 3113 نەپەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىنى چىش ئويمان يۈزىنى تۈزەش بويىچە ھەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىنلىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئاينۇر تىلەم، دىلبەر تۇرسۇن، پەن ۋېيفېي)
لېكسىيە نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ قاتنىشىپ، سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
دوختۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى