تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا شەندۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، لېكىن بۇ نادىر كۆرۈنۈشلەر ئەستىن چىقمايدۇ

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى) 3- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى ئايلانما 3- مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا شەندۇڭ گاۋسۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىرىدا 58گە قارشى 60 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە تەڭ كېلەلمەي، ئومۇمىي نومۇردا بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە ئېلىپ قېلىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى.

   گەرچە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا رەقىبىگە تەڭ كېلەلمەي، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ كۈنى كەچتىكى مۇسابىقە نەق مەيدانىدىكى كۆپلىگەن نادىر كۆرۈنۈش توپ مەستانىلىرىدە يەنىلا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى.

مەدەت بېرىۋاتقان كىچىك توپ مەستانىسى.

لى يۈچيۇڭ توپ ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

پېڭ شىچىڭ قورشاۋغا ئېلىنىپ قىسىلىپ قالدى.

سەي شياۋيۈ مۇسابىقىدە.

لى يىفەن توپ ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

ئەنسۇنا ستېۋېنس گار ئاستىدا كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە.

مۇسابىقە نەق مەيدانى.

ئەنسۇنا ستېۋېنس گار ئاستىدا كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە.

جۇ مېيچى گاردىن قايتقان توپنى تالاشماقتا.

لى يىفەن يىراقتىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئاتماقتا.

سەي شياۋيۈ مۇسابىقىدە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.