ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ھەممە شەيئى يېڭىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېتىزلاردا بېيدوۋ يول باشلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدا ئۇرۇق چاچتى، كۆكتات پارنىكلىرىدا دېھقانلار كۆكتات پەرۋىش قىلدى، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى بىر قىسىم گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ، گۈللەپ ياشناۋاتقان ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1ـ شى ئارال شەھىرى 10-تۇەنىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بېيدوۋ يول باشلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن كېۋەز تېرىماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1ـ شى ئارال شەھىرى 10-تۇەنىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بېيدوۋ يول باشلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن كېۋەز تېرىماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى ئاۋات بازىرىنىڭ گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىدا گۈلچى دېھقان گۈل-گىياھلارنى رەتلىمەكتە.
باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، پىدائىيلار بىلەن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا كۆكتات ئۈزۈپ، شۇ جايدىكى بازارنى تەمىنلىمەكتە.
باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر كورلا شەھىرىنىڭ تۇۋۇرچى يېزىسى ئەللىككەتمەن كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا چېچەكلەش ئالدىدىكى كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلماقتا.
چۆ . خۇرە فوتوسى
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى چىديەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنى تەڭشىمەكتە.
ۋاڭ خۇاشيەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، كورلا شەھىرى تۇۋۇرچى يېزىسى ئەللىككەتمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئېتىزلارنى تەكشىلىمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
چۆ . خۇرە فوتوسى