تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

سۈرەتلىك ھېكايە | باھار كېلىپ ھەممە يەر ئىللىدى قومۇل قوغۇنىنى تېرىش باشلاندى

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار كىچىك ئەگمە پارنىكقا سۇلياۋ يوپۇق ياپماقتا. 

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ يىل 20 مو يەرگە قوغۇن تېرىدىم، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن»، دېدى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقان مەمەت ئىسھاق. 

   بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن مەمەت بوغاز كەنتىدىكى كونا قوغۇنچى دېھقان، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسى قوغۇن تېرىپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. «قوغۇن تېرىپ قىلغان كىرىمگە تايىنىپ، مەن ئىككى داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇتتۇم، بىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىقتى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ»، دېدى مەمەت خۇشال ھالدا. 

    ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، بوغاز يېزىسىدا 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە بوغاز قوغۇنى ئومۇميۈزلۈك تېرىلدى، قوغۇنلۇقتا يەر ئاغدۇرۇش، يەر تىرنىلاش، قوغۇن چۆنىكى ئېچىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىش، ئەگمە پارنىك ياساش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى تەرتىپ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، ئېتىزلاردا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. 

   بوغاز يېزىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم قوغۇن تېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، ھاۋاسى قۇرغاق، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، تېرىلغۇ يېرى يۇمشاق ھەم قۇم ئارىلاش شورلۇق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، بوغاز قوغۇنى دۆلەت ئىچىدە بازار تاپتى، قوغۇن تېرىش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كەسىپ بولۇپ قالدى. 

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بوغاز يېزىسى قوغۇنچى دېھقانلارنى يېشىل ئورگانىك تېرىقچىلىق قىلىشقا پائال يېتەكلىدى. 2019-يىلى، «بوغاز قوغۇنى» دۆلەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى تىزىملاپ قوغداشىغا ئېرىشتى. 2022-يىلى، بوغاز قوغۇنى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى كىلىمات سۈپىتى ئېتىراپنامىسىگە  ئېرىشتى. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار قوغۇن ئۇرۇقىنى دانىلەپ تېرىماقتا. 

​3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى دېھقانلار كىچىك ئەگمە پارنىكنىڭ ئەتراپىغا توپا يۆلىمەكتە. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار كىچىك ئەگمە پارنىكقا سۇلياۋ يوپۇق ياپماقتا. 

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ بوغاز يېزىسى بوغاز كەنتىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار كىچىك ئەگمە پارنىكقا سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، توپا يۆلىمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.