تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 29-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتتى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 82-باشلانغۇچ مەكتەپتە، شىنجاڭ «كۆك قالقان» ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ھەربىي ئوقۇتقۇچىسى تو جيەنگو ئوقۇغۇچىلارغا ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
ليۇ ياڭياڭ فوتوسى
«ساۋاقداشلار، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟» «ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، قانداق قېچىش كېرەك؟» 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ «كۆك قالقان» ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ھەربىي ئوقۇتقۇچىسى تو جيەنگو ئۈرۈمچى شەھەرلىك 82-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق قىلىپ بىر قېتىملىق ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى دەرسى ئۆتتى.
تو جيەنگو ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ۋە مەكتەپ، ئائىلىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوت ئاپىتىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، قانداق قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى ھەم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئوقۇغۇچىلار ئازادە، قىزىقارلىق كەيپىياتتا ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئىگىلىدى.
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى چاڭجياڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما چىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
لوقمان فوتوسى
«بۈگۈن مەن نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، خەتەرگە يولۇققاندا خەتەردىن قانداق ساقلىنىشنى، ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى قانداق قوغداشنى بىلىۋالدىم» دېدى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ يامېڭ.
«قىزىل چىراغدا توختاڭ، يېشىل چىراغدا مېڭىڭ، سېرىق چىراغدا تەييارلىق قىلىڭ، يولدىن ئۆتكەندە پىيادىلەر سىزىقىدىن مېڭىڭ، قاتناش قائىدىسىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ». 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى چاڭجياڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما چىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، ھەر خىل قاتناش قوراللىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش قائىدىسى، شۇنداقلا قاتناش-سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، يولدا قوغلىشىپ ئويناش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار ئېلىپ كەلگەن خەۋپ-خەتەرلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، ئوقۇغۇچىلارنى يول قاتناش قانۇن-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.
بۇ مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چې فېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپ يەنە دائىم باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا سۆز قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىك ئۇرۇقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزغان.
3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا شەھىرى ئوزون بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە، كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى خۇاڭ ياڭياڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.
دۇەن شۈخې فوتوسى
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىر قېتىملىق چۆكۈش شەكلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات دەرسى كۇچا شەھىرى ئوزون بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلاندى، كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچى خۇاڭ ياڭياڭ يېزىنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى قاتناش مۇھىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا يول قاتناش بەلگىسى، بەلگە تاختىسى، بەلگە سىزىقى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش قول ئىشارىتى ۋە ئاپتوموبىل كۆرۈنمەس رايونىدىن قانداق يىراق تۇرۇش قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈردى.
«قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشكە بولامدۇ؟ مەكتەپتىن قايتىش يولىدا ساۋاقداشلار بىلەن قوغلىشىپ ئوينىسا بولامدۇ؟» سوئال-جاۋاب ھالقىسىدا، خۇاڭ ياڭياڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىل، يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق ئۇسۇلدا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈردى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىۋالدى.
«ساۋاقداشلار، سىلەر مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئەگەر مەكتەپتە بوزەك قىلىنساق، قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟» چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 8-سىنىپىدا 3-ئاينىڭ 20-كۈنى «مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تېمىسىدا سىنىپ يىغىنى ئېچىلدى.
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 8-سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى شېرىنئاي مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى چۈشەندۈرمەكتە.
رەسىمنى چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ تەمىنلىگەن
سىنىپ مۇدىرى شېرىنئاي ئىشنى مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ تەبىرىدىن باشلاپ، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ زىيىنى ۋە مەكتەپتە زوراۋانلىق قىلغاندىن كېيىن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئاقىۋەتنى بىۋاسىتە تونۇتتى.
«مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، بىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشقا باتۇرلۇق بىلەن <ياق> دېيىشىمىز، بوزەك قىلىش ھادىسىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن توسۇشىمىز ياكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئېيتىشىمىز كېرەك، دېدى بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن مېڭچى.