ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە) 3- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىرنىڭ باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «يىپەك يولىدىكى تاغ- دەريالار . كۆركەم، گۈزەل بايىنغولىن» 2024- يىللىق شىنجاڭ باغراش كۆلى قۇملۇق ئاپتوموبىلى دالا مۇسابىقىسى 3- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە باغراش ناھىيەسىدىكى ئېلسېن ئۇل قۇملۇقىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن.
باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن زۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە قۇملۇق مەدەنىيىتىنى قېزىش ئارقىلىق، تاماشا قىلىش، قىزىقارلىق بولۇش، قاتنىشىشچان بولۇش بىر گەۋدە قىلىنغان قۇملۇق دالا كۇرسلۇق مۇسابىقىسى بەرپا قىلىپ، تەنتەربىيە + ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
2023- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن باغراش ناھىيەسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك قۇملۇق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ۋە «خاۋشۇەي لوڭقىسى» قۇملۇق دالا راللى مۇسابىقىسىنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى. خۇ شىچى فوتوسى