تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆكتات تېرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار تاڭ كەندۇڭ، بابەن باتېرېنخۇ خەۋەر قىلىدۇ) «بۈگۈن تېرىغان بۇ كۆكتات مايسىلىرى بىر يىلدا ئائىلىمىزگە 200-500 يۈەنگىچە كۆكتات پۇلىنى تېجەپ بېرىدۇ.» 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى ساڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رەيھانگۈل مەمەت ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا ئۆزى پىششىق بىلىدىغان لازا، شوخلا مايسىلىرىنى كۆچۈرگەچ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساڭ كەنتى خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى دېھقانلارغا كۆكتات مايسىسى تارقىتىپ بەرمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بابەن باتېرېنخۇ فوتوسى

    بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، 32 مىڭ تۈپ لازا، شوخلا مايسسى سېتىۋېلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 251 ئائىلىلىك دېھقانغا ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆكتات ئېتىزىغا تېرىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى.
    يەر ئاغدۇرۇش، سۇغىرىش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش، ئوغۇتلاش، 75 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ھامۇت روزى ئۆز ئۆيىنىڭ كىچىك كۆكتات ئېتىزىدا كۆكتات مايسىسى تېرىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ كۆكتات يېيىشىمىز قولايلىشىپلا قالماي، يەنە يەپ بولالمىغانلىرىمىزنى سېتىپ پۇل قىلساق بولىدۇ».

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھامۇت روزىنىڭ ھويلىسىدا كۆكتات مايسىلىرىنىڭ تېرىلىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ فوتوسى

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات مايسىسى ئېلىپ بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلق ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر موچەنمۇ خەجلىمەيدىكەن، بۇنىڭدىن يىلىغا تەخمىنەن 300-500 يۈەنگىچە تېجەپ قالالايدىكەن.
   ساڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇغېنى قادىر ھېسابلاپ بېقىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ بىر تۈردىنلا ھەر يىلى كەنتىمىز 75 مىڭ يۈەنلىك ئۈنۈم يارىتالايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېجەپ قالغان».

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ شىنمېينى تولۇقلاپ تىكىشىپ بەرمەكتە.

ئايبۇلاق فوتوسى

    «بىز پەقەت كۆكتات تېرىپلا قالماي، يەنە ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-كەينىگە 10 نەچچە تۈپ شىنمېينى تولۇقلاپ تىكتۇق.» كەنت ئاھالىسى ئاۋۇت ئىمىننىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 7 مو يەرگە شىنمېي تىككەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 2 مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىرگەن، بۇلتۇر پەقەت تېرىقچىلىقتىنلا قىلغان كىرىمىمىز 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.